تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ كەلگۈسىنى ياراتماقتا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىمىزنى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا: قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بازار سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى تولۇق زەنجىرلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازارنىڭ ياخشى تەرتىپىنى قوغداش، زامانىۋىلاشقان بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئومۇمىي يىغىندا: بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2023 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ياشانغانلار توپىنى كېيىنكى ئۆمرىنى ئىشىك ئالدىدىلا خۇشال، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى (ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ يۇڭخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتلارنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ خىل مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىلغان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز».

ئومۇمىي يىغىندا: ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىشىك ئالدىدىكى داۋالاش بايلىقى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ھەر كۈنى سەھەردە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى شامال چارباغ كەنتى داۋالاش ئۆيىدىكى كەنت دوختۇرلىرى ئەتىگەندىلا دېزىنفېكسىيە قىلىش، كېسەللىك تارىخىنى رەتلەش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، B چاۋ ئۆيى، تەكشۈرۈش ئۆيى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ تەدرىجىي قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغان ئامما كۈنسېرى كۆپەيدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يىرىك پىلان - تەرەققىيات ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ شياۋجۇ مۇنداق بىلدۈردى: داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئۇلىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە، يېزا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا تېخىمۇ ياخشى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئومۇمىي يىغىندا: يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش − 2025 - يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەرلەر سەييارە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش <شىنجاڭ بېكىتى> ھەم ئىلى سىفەن داشۆسى مەكتەپ قوش تاللاش يىغىنى»دا، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش رايونى تەسىس قىلىنىپلا قالماي، يەنە قىسقىچە تەرجىمىھالنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش رايونى، كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىش رايونى ۋە سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەلىك رايونى ئالاھىدە تەسىس قىلىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ پىلانلاش، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق «بىر پونكىت شەكلى»دىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خوۋ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈندىلىك خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» كۈيتۈن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولى كوچا باشقارمىسى ئاق تام مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غۇنچەم تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سىجىل كۈچەپ، مىكرو ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا: يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ ياۋزۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پەن - مائارىپ بايلىقى ۋە سۇپا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ يېڭىچە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، «تەربىيەلەش - مۇلازىمەت قىلىش - ئايلاندۇرۇش - يېتەكلەش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى ئىلغار كەنتىگە كىرگەندە، ھەنىپەم سوپۇرنىڭ ھويلىسىدىكى ئانار دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى مېۋىگە لىق تولغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يار - يۆلەك بولۇشىدا، ھەنىپەم ئائىلىسى باقمىچىلىق، تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ، يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ، بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى ئوغلۇم يەنە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، كەنتتە ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.» ھەنىپەم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىياسەت شۇنداق ياخشى، پەقەت كۈرەش قىلساقلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

(مۇخبىر لى لىن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ شىيا، سو رۇڭجى، سۇ لۇپىڭ، ما بېي، ليۇ شياڭ، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شېن سېن، دۇڭ چېڭجۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.