جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ئەڭ چوڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى %20 ئاشىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، چەرچەن، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىگە جايلاشقان چەرچەن 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زەرەتلىك يۈرۈشتۈرۈلدى، بۇ، 15 يىل قۇرۇلۇش قىلىنغان شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش ئايلانما تورىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ئەڭ چوڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى %20 ئاشىدۇ.
ئۇزۇنلۇقى 4197 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى بۇ «غايەت زور ئەجدىھا» تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدەپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئايلانما تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە «چوڭ تومۇرى»غا ئايلانغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يەنە بىر نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
15 يىل ئىلگىرى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدەش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئىش باشلانغانىدى. 15 يىل ۋاقىتتا، توققۇز تۈرلۈك 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدەش قۇرۇلۇشى چوڭ ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 1 مىليون 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايوننى قاپلىدى.
بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەڭ چوڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بىردەك كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ئەڭ چوڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى %20 ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست (بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئەڭ چوڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى %25تىن %50كىچە ئاشتى.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى. چەرچەن ناھىيەسىدىكى باڭتەي كانچىلىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ناھىيەدىكى توك ئىشلىتىشتىكى چوڭ كارخانا. «يېتەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتى بولغاچقا، چەرچەندىكى سېلىنمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە ئىشەنچىمىز بار» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جۇ ۋېي.
چەرچەن ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر شۈ يۇڭچاڭ مۇنداق بىلدۈردى: چەرچەندە ھازىر بىرقەدەر چوڭ بولغان قېزىلما بايلىق پىششىقلاش كارخانىسىدىن ئىككىسى بار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 220 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بۇ ئىككى كارخانىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئاران قاندۇرالايتتى. بۈگۈنكى كۈندە 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى تىرەك بولغاچقا، ناھىيەمىزنىڭ قېزىلما بايلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى تولۇق ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا «ئۇزۇن زەنجىرلىك» توك بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىگە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلىپ، «شىمالغا تۇتاشتۇرۇپ جەنۇبقا ئۇزارتىش، غەربكە تۇتاشتۇرۇپ شەرققە يەتكۈزۈش»تەك 750 كىلوۋولتلۇق تۈگۈن تىپىدىكى غول تور رامكىسى شەكىللەندۈرۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى يېڭىدىن 8 مىليون كىلوۋات ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى توپلاش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇل پۇختىلاندى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەتقىقات ئورنى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى يىرىك پىلان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شىن چاۋشەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى توك بىلەن تەمىنلەشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، ھەم سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ «غول تومۇرى»نى تۇتاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇق، چۆل - جەزىرە، قاقاس رايونلارنىڭ چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، بۇ رايونلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يېڭىدىن كۆپەيگەن توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. يەنە شىنجاڭنىڭ 3 - ئۆزگىرىشچان توك لىنىيەسى، 4 - تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.






