تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى بويىچە تۇنجى! ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى!

10-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئۈرۈمچى بويىچە تۇنجى

يەرلىك «مۇزېي شەكلى»دىكى تۇرمۇش سارىيى بولغان

يىپەك يولى نىشاڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تۇرمۇش سارىيى

ئۈرۈمچى خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك سودا مەركىزىدىكى

تۇڭچۇاڭ خەلقئارا سودا پورتىدا

ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

   جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر كىيىم لايىھەلىگۈچىنىڭ بىرى، شىنجاڭ كىيىم لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۇن شيۇچىن قۇرغان بۇ تۇرمۇش سارىيى شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان «مېھمان كۈتۈش زالى»غا ئايلىنىدۇ.

   ئېچىلىش مۇراسىمى پائالىيىتىدە، لەرزان مۇزىكىغا جور بولۇپ، مودېللار سۇن شيۇچىن لايىھەلىگەن يۈرۈشلۈك نەچچە گۇرۇپپا ئاساسىي تېمىدىكى مودا كىيىملەرنى كىيىپ مودېل بولۇپ ماڭدى.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مودېللار ئېچىلىش مۇراسىمى پائالىيىتى نەق مەيدانىدا كىيىملەرنى كىيىپ مودېل بولۇپ ماڭماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

   «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» يۈرۈشلۈك كىيىم-كېچەكلىرى سۇن شيۇچىننىڭ ئون نەچچە يىل ئەجىر قىلىپ تاماملىغان ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى لايىھەلەش ئىلھامى خوتەن نىيا خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىدىن كەلگەن. ئۇ بۇ قەدىمىي يېزىق شەكلىدىكى گۈل نۇسخىلىرىنى زامانىۋى كىيىم-كېچەك، سومكا ھەم زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى لايىھەلەشتە قوللىنىپ، ئۇنى كىيىپ ماڭغانلارنى تارىخنى سۆزلىگۈچىلەرگە ئايلاندۇردى.

   يىپەك يولى نىشاڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تۇرمۇش سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنگەن، ئىچىدە گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق بىرقانچە فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان، ئۇ ھەم كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش كۆزنىكى، ھەم ئىجادىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆپ خىللاشقان سۇپا ھېسابلىنىدۇ.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەزىز مېھمانلار يىپەك يولى نىشاڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تۇرمۇش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.