ئاپتورلار: خۇاڭ خەيتاۋ، لى شۆيۈەن
ئالتۇن كۈزدە، ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شى 68-تۇەن 9-ليەننىڭ دەريا بۆلىكىگە نۇرغۇن پەسىل قۇشلىرى كۆچتى. ساھىلدا قومۇشلار ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، كۈل رەڭ تۇرنا قاتارلىق قۇشلارنىڭ بەزىلىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلسا، بەزىلىرى توپلىشىپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ جانلىق سىماسى كۈزدىكى ئوت-چۆپلەر بىلەن بىر-بىرىنى چاقنىتىپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 4-شى 68-تۇەن ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇلۇق يەرنىڭ سۇ سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، سۇلۇق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ياخشى ئېكولوگىيە-مۇھىت سۇلۇق يەرنى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى «راھەت ئۆتەڭ»گە ئايلاندۇردى.

كۈل رەڭ تۇرنا

كۈل رەڭ تۇرنا

كۈل رەڭ تۇرنا

كۈل رەڭ تۇرنا

كۈل رەڭ تۇرنا
«بىڭتۇەن 4-شى يۇغۇرما تاراتقۇ سۇپىسى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






