تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى بۇ تۆت باغچە ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى!

يېقىندا

سىجىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى

داجەيجا باغچىسى، شىچىخۇ باغچىسى

پىڭدىڭشەن باغچىسى، باۋشەن باغچىسى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داجەيجا باغچىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

   10-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر داجەيجا باغچىسىغا كەلگىنىدە، تۇتاش كەتكەن سۈنئىي كۆللەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان سۇ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، كۆل بويىدا تۇتاش كەتكەن قومۇشلۇق بارلىقىنى، كىشىلەرنىڭ كۆل بويىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    داجەيجا باغچىسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، باغچىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ماڭسىڭىز، كۆل يۈزىدە ياغاچ كۆتۈرمە يول، كۆلنى ھالقىغان كىچىك كۆۋرۈك ياسالغان بولۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى ياكى ئورۇندۇقتا ئارام ئېلىپ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. «مېنىڭ ئۆيۈم يېقىن ئەتراپتا، بۇ باغچىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم.» يېقىن يەردىكى بەيشاڭ بەيلېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق لياڭ شيۇچىننىڭ ئېيتىشىچە، باغچە ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن باغچىغا كېلىپ سەيلە قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىۋېتىپتۇ.

   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان داجەيجا باغچىسىنىڭ كۆلىمى 233.5 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ مەنزىرىسىنىڭ كۆلىمى 116.1 مو ئىكەن. «كېيىنكى مەزگىلدە، بىز ئەتراپتا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغچىنىڭ ساي يولى يۆنىلىشىدىكى رېشاتكىسىنى ئېلىۋېتىپ، رېشاتكىنىڭ سىرتىدىكى ساي يولى بىلەن سەيلە باغچىسىنى تۇتاشتۇرىمىز، بۇنىڭ بىلەن باغچىنىڭ كۆلىمى يېڭىدىن 100 مودىن ئارتۇق كۆپىيىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ جياڭلىن.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىچىخۇ باغچىسىدىكى كۆل بويىدا سەيلە قىلماقتا.

    يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن شىچىخۇ باغچىسى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل بۆلەك رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1086 مو، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلۇق يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 260.4 مو، يەر ئاستى ئېقىنلىق سۇلۇق يەردىن 49ى بار بولۇپ، كۆلىمى 95.4 مو كېلىدۇ.

   پىڭدىڭشەن باغچىسى تاغ گەۋدىسىنى ئاساس قىلىپ بەرپا قىلىنغان، كۆلىمى تەخمىنەن 285 مو بولۇپ، ئېكولوگىيە، ساياھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەتنى ئاساس قىلغان تاغ گەۋدىسى باغچىسى. باغچىدىكى تاغ چوققىسىغا جايلاشقان مەيداندا تۇرسىڭىز، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا تولۇق نامايان بولىدۇ، يىراقتا بوغدا چوققىسىنىڭ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغانلىقىنى كۆرىسىز. تاغ چوققىسىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۆگەت، خوجۈ دەرىخى، تاشئالما دەرىخى، سۆسۈن يوپۇرماقلىق چوۋلى قاتارلىق مەنزىرە دەرەخلىرى كۆپلەپ تىكىلگەن بولۇپ، قىزىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر باغچىنى رەڭلىك ماي بوياق رەسىم كەبى تۈسكە كىرگۈزىدۇ.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى پىڭدىڭشەن باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)نىڭ خىزمەتچىسى سەي شياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تۆت باغچىنىڭ كۆلىمى 1700 مودىن كۆپرەككە يېتىدۇ، يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلىپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى ئىستىراھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى. «كېيىنكى قەدەمدە، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، باغچىنى يەككە تۈردىكى < تاماشا قىلىش تىپىدىكى بوشلۇق >تىن< ھېس قىلىش تىپىدىكى بوشلۇق>قا ئايلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى ئىستىراھەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىرقاتار مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، باغچىلارنى گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئوينايدىغان جايغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى سەي شياڭ.

   نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسال باغچە، كىچىك باغچە، ئۆزگىچە سەيلە باغچىسى قاتارلىق 100گە يېقىن باغچە قۇرۇلدى.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.