ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى بىڭتۇەن ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بىڭتۇەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 251 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئەۋرىشىملىكى ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىرقاتار سىياسەتلەرنىڭ سىجىل، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇردى.
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىخەنزە ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان تيەنيۈ خاڭتۇڭ چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز تىرانسپورت ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)
كەسىپ تەرەققىياتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە كۈچلۈك تىرەك بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى، يازلىق ئاشلىق كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇلدا «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو، 100 مىڭ مودىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قاتلام بويىچە مەملىكەتنىڭ كۈزگى بۇغداي بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى ياراتتى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى؛ بىناكارلىق قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %21.7كە يەتتى.
سېلىنما بىلەن ئىستېمالنى تەڭ قوزغىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇقىم ئاشۇردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، بىڭتۇەن سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى؛ جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 67 مىليارد 908 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇليۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تېخىمۇ ھارارەتكە ئىگە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، بىڭتۇەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش»تىن ئىبارەت ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 53 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىغا مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتىنى %94كە يەتكۈزدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردا 76 مىڭ 700 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %91.3ىنى تاماملىدى؛ 32 مىڭ 100 ئىشسىز كىشىنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 7800 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى، ئىش ئورنى مۇقىم بولۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكى سىجىل پۇختىلاندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






