تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم قاتناش باشلاش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى!

   10-ئاينىڭ 29-كۈنى، بايىنغولىن بۈگۈر ئايرودۇرۇمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ، بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ قاتناش ئاساسىي شارائىتىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، كېيىنكى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەم رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىلمىي ئاساس ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

بايىنغولىن بۈگۈر ئايرودۇرۇمىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە. مەنبە: شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

   بايىنغولىن بۈگۈر ئايرودۇرۇمىدا 2024-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 4C ئۇچۇش رايونى دەرىجىسى بويىچە لايىھەلەنگەن، بۇ، بوئىن 737، ئايروبۇس A320 قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، ئۇزۇنلۇقى 2600 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-چۈشۈش يولى ھەم 3060 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى پىلان بويىچە سېلىنىدى، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىملىق، يىللىق يۈك-پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 600 توننىلىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، قۇرۇلۇش ئەترىتى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى گېئولوگىيەلىك يەر شارائىتى بوش بولۇش، قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۇچۇش رايونىنىڭ مەيدان يولى، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يادرولۇق قۇرۇلۇشلارنى ئالدىن تاماملاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى ئۈنۈم رېكورتى يارىتىلدى.

   نۆۋەتتە، بايىنغولىن بۈگۈر ئايرودۇرۇمى نام بېرىش تەستىقىي جاۋابى، ئۈچ-تۆت ھەرپلىك كود تەستىقىي جاۋابى قاتارلىق ئالدىنقى رەسمىيەتلەرنى تاماملىدى، كېيىنكى قەدەمدە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 2026-يىلى رەسمىي قاتناش باشلاش نىشانىغا ئاتلىنىدۇ.

    بايىنغولىن بۈگۈر ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ھەم بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق رايون ھالقىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشنى پىلانلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە تېخىمۇ قولايلىق ھاۋا يولى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ.

​مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى تورى، بۈگۈر نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئاخبارات مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.