تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

خەن ۋېنشيۇ دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن «تەكلىپى»نى زىچ چۆرىدەپ، «تەكلىپ»نىڭ تەييارلىنىش ئەھۋالىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىنى ئىزاھلاپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى بايان قىلدى، «تەكلىپ»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى نۇقتىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى ھەم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى.

دوكلات چوڭقۇر، ئەتراپلىق، مول مەزمۇنلۇق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، تىپىك مىساللار، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماي تىرىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولىمىز.

دوكلات يىغىنىغا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى گو ۋېنچى رىياسەتچىلىك قىلدى. بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 700 كىشى قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بېيجىڭدا تۇنجى مەيدان لېكسىيە دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يېقىندا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.