□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى يۆنىلىش، يېتەكچىلىك ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى مۇساپىدە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز.
«ئومۇمي يىغىندا: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، پۇقراۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەم پۇرسەت، ھەم خىرىس.» كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مەبلەغ سېلىش - قۇرۇلۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شياڭ پېيگو مۇنداق دېدى: «بىز دىققەتنى باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسى ۋە مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئامىل بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىجادىي، توپلاشتۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەتنىڭ ھارارىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىمىز».
كۇيتۇن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى چېڭ خەيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سودىيەلەر مەھەللىلەرگە كىرىش، كارخانىلارغا كىرىش، مەكتەپلەرگە كىرىش» تېمىسىدا قانۇنچىللىق لېكسىيەسى سۆزلەش، تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «تىزىملىك شەكلىدە باشقۇرۇش، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش» تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر دېلولارنى بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى قاتارلىق 12 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى ئايلىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كۇيتۇن شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئومۇمىي يىغىندا: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى مورى بازىرى مىڭجۇ مەھەللىسىنىڭ بىرلىك سەپ كادىرى ئادىلجان مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى ھېسابات دەپتىرى» تۇرغۇزۇش، «ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ خەلق رايىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق خاسلاشقان مۇلازىمەت بىلەن مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە «بىرگە بىر» يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز.
خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى تۆۋەن تىگىنلا كەنتىگە كىرگەندە، كەنت قىياپىتى پاكىز، رەتلىك، يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ماسلىشىپ كۈچەپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ 200 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغان يىللىق كىرىمىنى 500 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى.
«ئومۇمىي يىغىندا: يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ماڭا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» تۆۋەن تىگىنلا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ چىڭشۈەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ياچېيكىمىز ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئۈلگە باشلامچىلىق قىلىش قاتارلىق «ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتە قوش يۆلەش» تەدبىرلىرى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى «ياردەم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش»كە ئۆزگىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكى ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ قېزىپ، «يېزا ئىگىلىكى + مەدەنىيەت - ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار باي، يېزا گۈزەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ خېڭمېي يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار چەكلىك شىركىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىي كەسىپ بازىسى تۈرىدە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، جەمئىي 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش - يېتىشتۈرۈش، ياساش - قۇراشتۇرۇش، تەربىيەلەش - تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، كۆرگەزمە قىلىش - سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ بازىسىغا ئايلىنىدۇ.
«ئومۇمىي يىغىندا: ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى». بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ فېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرولۇق موتور قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى تەرەققىيات يولى قىلىپ، ئادەمسىز ئۇچقۇ، ئاپتوموبىل ۋە پاراخوت ياساش - قۇراشتۇرۇش سېخىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرىمىز ھەم ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرىسىنى ئېچىشتا قوللىنىپ، <ياساش>تىن <قۇۋۋەت قوشۇش>قىچە بولغان ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چاڭ يىرۇ، خۇ لىجېڭ، جياڭ ۋېنچۈەن، ۋاڭ مېڭجۈن، لى گوچى)






