− «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جاۋ چاۋ، گاۋ لېي
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مۇساپىگە يەنە بىر قېتىم دەۋر ئىزناسى نەقىشلەندى.
2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما −
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاش −
ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي تۈزۈلدى
زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ھارماي - تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغان گۈزەل ئارزۇسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىرادىدىن قايتمايدىغان كۈرەش نىشانى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دۆلىتىمىز ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، پارتىيەمىز مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى.
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلۈپ 2035 - يىلى قىلىپ بېكىتىلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بۇ نىشان يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈچ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ئارقىلىق تاماملاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، «14 - بەش يىل» مەزگىلى بىرىنچى بەش يىل.
بۇ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، پۇختا ئاساس سېلىنغان بەش يىل بولدى −
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئاشتى، 2025 - يىلى 140 تىرىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى؛
كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 13 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، ھازىرقى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى؛
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت تېخنىكىسى، بىيوتېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەندى، يېڭى بوشلۇق كېڭەيتىلدى؛
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا مۇستەھكەملەندى...
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى.
بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك، مەڭگۈ بوشاشماسلىق.
ھازىر، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت ئون يىللا ۋاقتىمىز بار. دۇنيا جۇڭگونىڭ قانداق تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئارقىلىق كېيىنكى بەش يىلنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.
2024 - يىلى 7 - ئايدىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا،مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغانىدى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا قانداق نىشان - ۋەزىپىلەرنى بېكىتىش كېرەكلىكىنى ئالدىن مۇھاكىمە قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ ۋە باھالاپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك پىلانلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىش، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىش.
2025 - يىلى 1 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.
1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەلگىلىك شەكىل ئارقىلىق پارتىيە سىرتىدىكى بىر قىسىم زاتلاردىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى.
2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ مۇھىم ھۆكۈم «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تارىخىي ئورۇن ۋە دەۋر كوردىناتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى −
ئاساسنى پۇختىلاشتا، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە ئۇللۇق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، ئەۋرىشىملىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛
ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتە، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، «بەشنى بىر گەۋە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ماس كۈچىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.
خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى، دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تەرەپ چوڭقۇر راۋاجلاندى، قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان تەرەپ تېخىمۇ گەۋدىلەندى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەم تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە، ھەم كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پۇرسەت يەنىلا خىرىستىن چوڭ.
دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاق مەزگىللىك يۈكسىلىشكە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.
ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بىر يىرىك پىلان تەكلىپى تۈزۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈشنىڭ مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ئېنىق ئىزاھلىدى:
− بۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باسقۇچ، قەدەم بويىچە ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئېھتىياجى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
− بۇ، مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈپ، ئىچكى ۋەزىيەت ۋە تاشقى مۇھىتقا دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئىلمىي پىلانلاش خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
− بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. دۆلىتىمىز ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتتىن يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە ھالقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە قاراپ ئاتلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ۋە ئېشىش ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىشتا، جەزمەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىستېمىلىق پىلانلاش كېرەك.
مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ كەلگۈسىنى پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەش.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى ئۇلاپ يەتكۈزۈش، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، تارىخ يەنە بىر يېپيېڭى سەھىپە پۈتىدۇ.
كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش −
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش
2025 - يىلى باھار بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپى رايونىدا يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.
«كۆپچىلىكنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان شەرەپلىك ۋەزىپىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنىق تەلىپى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
يىرىك پىلان تۈزۈش تەكلىپىدە نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى «جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش» «ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە كونكرېت نىشاننى ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويۇش» «سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەش توغرىسىدا، باش شۇجى بىر تۈركۈم زور يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇشنى 12 جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇردى، جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك 44 مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلدى، لايىھە تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، كۆپ قېتىم ئالاقىدار يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، باشتىن - ئاخىر يۆنىلىش بەلگىلەپ رول تۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇردى.
يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاش ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانى.
بۇ يىل 3 - ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ۋە يۈننەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دۇڭجەيگە باردى، قەدىمىي شەھەرلەرنى زىيارەت قىلدى، كەسىپلەرنى كۆردى، گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا توختالدى، يۈننەن - گۇيجوۋ تۇپرىقىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.
4 - ئاي، شاڭخەي؛ 5 - ئاي خېنەن؛ 7 - ئاي، سەنشى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى.
بۇ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى چۇڭچىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغدىكى بىر پارچە ۋاقىت جەدۋىلى: 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتە يېتىپ بېرىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە بىر ئاپتوموبىل كارخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەم نەق مەيداندا سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئارقىدىن رەقەملەشكەن شەھەر يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزىگە بېرىش؛ 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30دا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، سائەت 10:00دا شەھەر دەرىجىلىك 11 ئالاقىدار تارماق بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، چۈشتىن كېيىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش...
2 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئالتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە بېرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئالاقىدار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى؛ كارخانا، مەھەللە، مەكتەپ، يېزا - كەنت، سانائەت باغچە رايونى، ئېچىۋېتىلگەن پورت قاتارلىق 66 ئاساسىي قاتلام ئورنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 270تىن ئارتۇق كادىر ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، ھەر كىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇردى، خەلق ئارزۇسىنى ئېلىپ قايتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىشتا، دېموكراتىيەنى كەڭ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ يەنە بىزنىڭ پارتىيەنىڭ مۇھىم ھۆججىتىنى تەييارلىشىمىزدىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە».
يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاش ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش جەريانى.
4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى.
5 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ مەيدان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىساد ساھەسى، پەن - تېخنىكا ساھەسى ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى.
ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئاقىللار ئامبىرىغا ھاۋالە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا 35 تۈرلۈك نۇقتىلىق تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن پىكىر - تەكلىپ ئالدى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى...
كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش، ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرۈش.
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەرت.
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» «كەڭ خەلق ئاممىسى پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك».
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاممىنىڭ 3 مىليون 113 مىڭدىن ئارتۇق ئۈنۈملۈك تەكلىپى تاپشۇرۇۋېلىندى، رەتلەش، تاللاپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق 27 جەھەتتىكى ئىجابىي، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە 1500دىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپ شەكىللەندۈرۈلدى.
مەسىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە قارىتا، بەزىلەر «مەھەللىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش» تەكلىپىنى بەردى، بەزىلەر «يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى كەسپىي زەخىم كاپالىتى بىلەن تولۇق قاپلاشقا تۈرتكە بولۇش»نى ئۈمىد قىلدى، بەزىلەر «ئىش ھەققى كۈنلۈك ھېسابلىنىدىغان ئەمگەك كۈچى بازىرىغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى...
ھۆججەت لايىھەسىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى بۇ پىكىر - تەكلىپلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق شەكىلدە يىرىك پىلان تەكلىپىگە ئالاقىدار تەدبىرلەردە نامايان قىلدى.
توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سۇنۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسى بىۋاسىتە جۇڭنەنخەيگە يەتكۈزۈلدى.
يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاش تەكرار - تەكرار ئۆزگەرتىش، كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى.
ئەتىيازدىن يازغىچە، يازدىن كۈزگىچە، رامكا تېزىسىدىن رامكا لايىھەسىگىچە، دەسلەپكى ئارگىنالدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىنالغىچە، ئاندىن قاراپ چىقىشقا يوللانغان ئارگىنالغىچە... سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت، 200 نەچچە كۈندە، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى تىرىشىپ ئىشلەپ، كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك بىر پارچە ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
بۇ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىر كۆرۈنۈش: دەسلەپكى ئارگىنال شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇدا بىرنەچچە كۈن يىغىن ئېچىپ، ھەربىر بۆلەك مەزمۇننى ئابزاسمۇئابزاس، جۈملىمۇجۈملە «مۇنازىرە قىلدى»، كۆپچىلىك سۆز قىلغاندا كۆز قارىشى روشەن بولدى، دانا پىكىرلەرنى بەردى، مۇزاكىرە قىلغاندا تېگى - تەكتىدىن چۈشەندى، قايتا - قايتا سورىدى.
ھەربىر پىكىرگە كۆڭۈل قويۇپ مۇئامىلە قىلىش، ھەربىر تەپسىلاتنى قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلىش يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.
پەيتنى تۇتۇپ ئىلگىرىلەش، ۋەزىيەتكە تايىنىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش −
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ پايدىسىز تەسىرى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى، سىرتنىڭ بېسىمى ۋە توسقۇنلۇقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىس تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاشتا جەزمەن چوڭ مۇھىتنى ئېنىق چۈشىنىش كېرەك.
4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى خىزمەت بەنزىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ھۆججەت تەييارلاش پىكىر يولى ۋە رامكا قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدى.
جاھاندىكى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا جەزمەن ئىنچىكە بولۇش كېرەك −
يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاش جەريانىدا نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر شەكىللەندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەربىر يېڭى ئاتالغۇ، ھەربىر تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، جەزمەن ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.
تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئىلمىي، ئېھتىياتچان، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەييارلاشتا مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ھازىر بىلەن كەلگۈسى، قىسمەنلىك بىلەن ئومۇمىيلىق، ئېھتىياج بىلەن مۇمكىنچىلىك قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەردى، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان سەلبىي تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بەردى.
قىش كېتىپ ياز كەلدى، مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ، يىرىك پىلان تەكلىپى ئارگىنالىغا قارىتا پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىشقا، پىكىر ئېلىشقا تەشكىللىدى.
8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
9 - ئايغىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ پىكىر ئېلىش ئارگىنالىغا قارىتا جەمئىي 2112 تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ھەربىر ماددا ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 218 جاينى تولۇقلىدى، ئۆزگەرتتى ۋە ئىخچاملىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئىككى قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ئارگىنالىنى قاراپ چىقتى.
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇھىم تاپشۇرۇق يۈكلەنگەن، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەن بۇ ھۆججەت پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى يولداشلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ مۇزاكىرە ئارگىنالى ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان 168 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، 147 نەپەر مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزاسى، يەنە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان يولداشلار ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ مۇزاكىرە ئارگىنالى توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى.
تولۇق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار جەمئىي 176 تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى بۇ پىكىر - تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، 19 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.
10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىنالىغا قاراپ چىقتى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىنال 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي يىغىندا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىكىر ئېلىشقا سۇنۇلدى، ئارقىدىن بىر جايغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، تەكلىپنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى شەكىللەندۈرۈلدى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: يىرىك پىلان تەكلىپى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى نامايان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئىگىلەنگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، بىز مۇقەررەر بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.
نىشاننى چىڭ كۆزلەش، داۋاملىق كۈرەش قىلىش −
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش
«ماقۇللاندى!»
10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
بۇ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك پىلان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى، خىتابنامە ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، مۇقەررەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ! يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2035 - يىلىغا يۈزلەنگەن بۇ ئۇلۇغۋار نىشان قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ، ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق مەنزىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشەنچى ۋە غەيرىتى.
يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 20 مىڭ خەت بولۇپ، 15 قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن.
بىرىنچى بۆلەكتە ئۆتمۈش ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ئالدىدىكى يولغا نەزەر سېلىندى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر خۇلاسىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تارىخىي ئورنى، تەرەققىيات مۇھىتى تەھلىل قىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق نىشانى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئىككىنچى بۆلەكتە ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى: ئومۇملۇققا ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق مەسىلىلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەر ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى بازار، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغىچە بولغان 12 نۇقتىلىق ساھەگە دائىر پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئۈچىنچى بۆلەكتە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى، بىرىكمە كۈچ قوزغىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش تەكىتلەندى.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى −
بۇ ھۆججەتنىڭ رامكا قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر: تارماق بايان 12 قىسىمغا بۆلۈنگەن، ئالدىنقى يەتتە قىسمى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
«ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دەل ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.» ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئۇللۇق رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىشتىن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقىچە، يەنە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكىچە، يىرىك پىلان تەكلىپى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى.
پەن - تېخنىكا گۈللەنسە كەسىپ گۈللىنىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە تەرەققىيات كۈچىيىدۇ.
«يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش» «نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ بۆسۈش ھاسىل قىلىش» «سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق پەن تەتقىقات ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش»...
يىرىك پىلان تەكلىپىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى تەكىتلىنىپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىگىلىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى −
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا 300دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات يەنىلا مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىش شەرت بولغان پىرىنسىپلارنىڭ بىرى، «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» بىر چوڭ ئاساسلىق نىشان.
«مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىش»تىن «ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش»كىچە، يەنە «كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»كىچە...
ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى نىشان يۆنىلىشى جەھەتتە ئىزچىل بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىلەردە داۋاملىق تەدرىجىي يۈكسەلدۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ كۈچى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك نامايان قىلدى.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى −
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.
كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاش گەۋدىلىك تەكىتلەندى.
«بۇ، <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئومۇمىي خاراكتېرلىك تەلەپ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەرگەندە سۆزلىرى كەسكىن ۋە جاراڭلىق بولدى.
خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئېرىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛
رايونلار پەرقى، شەھەر - يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛
خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى...
يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى ھەربىر قۇردا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتى نامايان قىلىنىپ، «15 - بەش يىل»دىكى تەرەققىياتقا ئىللىق ئاساسىي رەڭ بېغىشلىدى.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى −
تەرەققىيات چىڭ داۋلى، خەۋپسىزلىكمۇ چىڭ داۋلى.
كەلگۈسى بەش يىلدا، دۆلىتىمىزدە ھەر خىل ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ - خەتەر ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىدۇ، بۇ بىزنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا جىددىي ئېھتىياجلىق.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى...
بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر پارتىيەمىزنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى −
پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قانچىكى مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭى، ئومۇمىي جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك...
يىرىك پىلان تەكلىپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالەتلىك رولى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى.
توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش −
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق مەنزىلىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش
10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭ تولۇق تېكىستى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلېكتىر دولقۇنى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.
«دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش» «ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش» «ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»... يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى بىر قاتار يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر كىشىگە يېپيېڭى تۇيغۇ بېرىپ، كەڭ دىققەت قوزغىدى.
ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كۆپچىلىككە ئىشلارنى بىرقۇر تاپىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىنى تەكىتلىدى.
«توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روشەن بەلگىسى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش جەريانىدىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك.» ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ئەزاسى مۇنداق دېدى: يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەرگە پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشتىكى يېڭى تونۇشى، يېڭى پىكىر يولى مۇجەسسەملەنگەن، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان بولۇپ، مۇقەررەر جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتى جەزمەن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ −
«ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك». يىرىك پىلان تەكلىپىدە، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئالاقىدار تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېڭى تەرەققىيات مۇھىتىدا، يىرىك پىلان تەكلىپى ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇشنى ئېنىق يول بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەشتىن ئىبارەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈردى.
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە، كانچىلىق، مېتاللورگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، بىناكارلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ دۇنيا كەسىپ ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنى ۋە رىقابەت كۈچىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش؛ كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، بىيوياسىمىچىلىق، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو يىغىلىش ئېنېرگىيەسى، مېڭە - ئۈسكۈنە ئۇلاش، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، 6 - ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش جەھەتتە، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، سەرخىل ئەسۋاب، ئۇللۇق يۇمشاق ماتېرىيال، ئىلغار ماتېرىيال، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن زەنجىرلىك تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى؛
يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئىچكى ئېھتىياج يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىستېمال تۈرتكە بولىدىغان، ئىچكى ئامىللىق ئاشىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىش ساھەسى ۋە رايونىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
...
ھازىر، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، جەزمەن تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى يېڭى ئاتالغۇلار بويىچە يېڭى تەدبىرلەردىن تولۇق پايدىلىنىش مۇقەررەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قۇۋۋەتكە، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى جەزمەن تېخىمۇ مول بولىدۇ −
«كەسپىي زەخىم كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك». يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى ئاددىي بىر جۈملە سۆز دۆلىتىمىزدىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى 84 مىليون ئەمگەكچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تورىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
بىر مەزگىلدىن بۇيان، بىر قىسىم تېز يەتكۈزگۈچى، ۋەيمەي توشۇغۇچى، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرى قاتارلىقلار سۇپا تەرەپ بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتمىغاچقا، كەسپىي زەخىمگە ئۇچرىغاندا كاپالەتلەندۈرۈشتە كەمتۈكلۈكلەر ساقلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، 22 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. يىرىك پىلان تەكلىپىگە ئاساسەن، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بۇ يېڭى تەدبىر تۈزۈم شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.
شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشتىن شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈشكىچە؛ ھەقسىز مائارىپ دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكىچە؛ شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئاشۇرۇشتىن بىخەتەر، ئازادە، يېشىل، ئاقىل «ياخشى ئۆي» قۇرۇشقىچە؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى پۇختا يولغا قويۇشتىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياش چەكلىمىسى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە...
يىرىك پىلان تەكلىپىدە، تۈرلۈك يېڭى ئاتالغۇلار، يېڭى تەدبىرلەر، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى، بۇ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم» دەپ بىلىشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.
خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا تارىخنى پۈتىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچ مۇجەسسەملەنگەن. يىرىك پىلان تەكلىپى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە تۈرتكە بولىدۇ.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى جەزمەن تېخىمۇ نامايان بولىدۇ −
تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، تۈزۈم رىقابىتى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ تۈپ رىقابەت.
تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەجرىبىلەردىن خۇلاسىلەپ چىقارغان مۇھىم تونۇشى ۋە يەكۈنى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «جۇڭگو مۆجىزىسى» دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئايلاندى، بۇنىڭدىكى سىر «جۇڭگو تۈزۈمى»نىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغانلىقىدا.
ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى تىپىنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تىپىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش...
يىرىك پىلان تەكلىپىدە «جۇڭگو تۈزۈمى» جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ −
نىشان خۇددى يول باشلايدىغان ماياكقا ئوخشاش، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.
يىرىك پىلان تەكلىپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە 2035 - يىلىغىچە بولغان نىشان يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى.
شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، خەلق تېخىمۇ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
«زامانىۋىلاشتۇرۇش نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىش نىشانى. ئۇ ئىلگىرى قارىماققا شۇنداق يىراق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى.» ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ھەربىر ئادەم باش رولچى، ھەربىر ئادەمنىڭ يىرىك پىلان تەكلىپىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان شانلىق سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)






