بېيجىڭ شياڭشەن باغچىسى چىنجېڭ سارىيىدىكى قىزىل يوپۇرماقلار ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، رەڭلىك يوپۇرماقلار بىلەن خان جەمەتى سارىيىدىكى رەڭلىك رەسىملەر، كۈجىدان، دېرىزە رېشاتكىلىرى بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى كۈز گۈللىرىنى نامايان قىلدى. قىروۋ چۈشۈكى مەۋسۇمى ئۆتۈپ، پايتەختتە كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ كۆرۈنەرلىك چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، شياڭشەن باغچىسىدىكى رەڭلىك يوپۇرماقلارنىڭ رەڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى يېقىندا تېز سۈرئەتتە ئاشتى، نۆۋەتتە قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل رەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ شېئىرىي تۈسكە ئىگە ئالتۇن كۈزدىكى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكى رەسمىي جاكارلاندى. «كۆرۈنۈشتىكى جۇڭگو»



«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






