تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى پويىزىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئۆزگىچە ئالتۇن كۈزگە نەزەر

    تىيانشان تورى- شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

    تىيانشان تورى -شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر دۇ شىڭجۈن فوتوسى ۋە خەۋىرى ) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر يولۇچىلار پويىزى خوتەن ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغىلىپ، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى ئارقىلىق ئاخىرقى بېكەت ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، پويىز دېرىزىسى سىرتى، ماشىنا ئوت-چۆپ ئورۇماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ شىڭجۈن فوتوسى

    پويىز دېرىزىسى سىرتىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئالتۇن كۈز مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا يېيىلغانىدى، ئالتۇن رەڭ توغراق، قىپقىزىل سۆكسۆك، يۇلغۇن، رەتلىك ئوت-چۆپ كاتەكچىلىرى بىلەن قۇملۇقتىكى مۇنبەت ئېتىزلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم مەنزىرىسى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يول بويى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى رەڭدار كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى بولاتتى.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، پويىز دېرىزىسى سىرتى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى بويىدىكى قۇملۇقتا تۇتاش كەتكەن كۆممىقوناقلار پىشتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ شىڭجۈن فوتوسى

    خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا 2022-يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغان، ئۇنىڭدا قاتناش باشلانغانلىقى دۇنيادىكى قۇملۇقنى ئايلىنىدىغان تۇنجى تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بۆلەك تۇتىشىش»نى تاماملىغانلىقىدىن، گولمۇدـ كورلا تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن «قول تۇتۇشۇپ»، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريولنىڭ «يېپىق ھالقىسى»نى ئورتاق شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، پويىز دېرىزىسى سىرتى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى لىنىيەسى بويىنىڭ كۈز مەنزىرىسى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ شىڭجۈن فوتوسى

   رېلىسنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇم-شېغىل ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سۆكسۆك ۋە يۇلغۇن خۇددى چىڭ ساقلاۋاتقان قاراۋۇللارغا ئوخشاش تۆمۈريولنىڭ ئىككى تەرىپىنى قوغداپ تۇرىدۇ، ئۇلار سىرتقى قىسمىدىكى قاتمۇقات ئوت-چۆپلەر بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان توسۇقنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، پويىز دېرىزىسى سىرتى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى لىنىيەسى بويىنىڭ كۈز مەنزىرىسى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ شىڭجۈن فوتوسى

    بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن ئېكولوگىيە مۆجىزىسىمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئويىنى قۇملۇققا كۆمۈپ، كۆپ يىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈن-تىنسىز قوغداش، كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاخىرىدا يېشىللىققا پۈركەنگەن قۇملۇقنى كۈتۈۋالغان گۈزەل ئىنكاسىدۇر.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، پويىز دېرىزىسى سىرتى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئالتۇن رەڭ توغراقلىق. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ شىڭجۈن فوتوسى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.