تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، سوۋغات بېرىش، ئويۇن كۆرۈش... ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ چۇڭياڭنى كۈتۈۋالدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى كۆپلىگەن مەھەللە ئېگىزگە چىقىپ مەنزىرە تاماشا قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قول سېلىپ ياساش، مېھىر-شەپقەت مۇلازىمىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنى كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلەپ، تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارنى خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئىللىقلىققا تولغان بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

   10-ئاينىڭ 28-كۈنى، سەيماچاڭ كوچا باشقارمىسى يۈيۈەن يولى مەھەللىسى ياشانغانلارنى شىچىخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، «ئېگىزگە چىقىپ چۇڭياڭنى كۈتۈۋېلىش قوشنىلار بىرلىكتە تىنچ-ئامان بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ياشانغانلار پىيادىلەر يولىنى بويلاپ بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئېگىزگە چىقىپ، كۈز پەسلىدىكى سۇلۇق يەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالدى، ئۆزئارا پاراڭلىشىپ قوشنىلار ئارا مىھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئېگىزگە چىقىپ بەخت تىلەش» ئەنئەنىسىنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ كوچا باشقارمىسى يۈيۈەن يولى مەھەللىسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ياشانغانلارنى شىچىخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، «ئېگىزگە چىقىپ چۇڭياڭنى كۈتۈۋېلىش  قوشنىلار بىرلىكتە تىنچ-ئامان بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.   ۋاڭ ئاۋ فوتوسى

     شۇ كۈنى، سەيماچاڭ كوچا باشقارمىسى شىچىخۇ مەھەللىسى «چۇڭياڭدا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىش» باش تېمىسىدا يىدۇ شۈيئەن ئولتۇراق رايونىدا «مېھىر-شەپقەت بازىرى» تەسىس قىلىپ، 200دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملار 70 ياشتىن ئاشقان ۋە ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلارغا ھاسا ئورۇندۇق سوۋغا قىلدى، 78 ياشلىق لى دېڭيۇەن يېڭى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، مەھەللە كادىرىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئولتۇرغىلى ھەم ھاسا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، سەيلە قىلىشتىكى ياخشى ياردەمچى بولالايدىكەن» دېدى. خالىسانە كېسەل كۆرۈش رايونىدا، دوختۇرلار ياشانغانلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىدى، قان شېكىرىنى تەكشۈردى ھەمدە كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى؛ ساتىراچ پىدائىيلار ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ ياشانغانلارنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى، 84 ياشلىق ليۇ خېكۇن ئەينەككە قاراپ: «چېچىمنى ياساپ مېنى باشقىچە تېتىك قىلىۋېتىپسىز، بايرامنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈش كېرەك» دەپ تەرىپلىدى.

    10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تىيانشان رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى كوچا باشقارمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جەنۇبىي شىنخۇا يولى كوچا باشقارمىسى سەنچياۋ مەھەللىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ھەمكارلاشقان ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى 200دىن ئارتۇق پېنسىيەگە چىققان ياشانغان كىشى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت تايانچلىرى ۋە ئاھالىلەرنى جەلپ قىلدى، ئۇلار بىللە جەم بولۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بەخت تىلىدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنۇبىي شىنخۇا يولى كوچا باشقارمىسى سەنچياۋ مەھەللىسى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ جىڭيا فوتوسى

    10-ئاينىڭ 25-كۈنى، بەخت يولى كوچا باشقارمىسى سىداۋشياڭ مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت پونكىتى چۇڭياڭدا قول سېلىپ مارجان ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. قول ھۈنەرۋەنلەر «زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاپ بەخت تىلەش» ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مارجان تاللاش، رەڭ ماسلاشتۇرۇشتىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساپ پۈتكۈزۈشكىچە ئاھالىلەرگە قولمۇقول ئۆگەتتى. كۆپچىلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ماھارەت ئۆگەندى ۋە ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا ياردەملەشتى، پائالىيەت ئۆيىدە كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.