10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى نەسىللىك كالا فېرمىسى 8-نومۇرلۇق سۇ ئامبىرى قويۇق كۈز مەنزىرىسىگە كىرگەنىدى. قومۇشلار «ئالتۇن ساۋۇت» كىيىپ، شامالدا يەلپۈنەتتى، كۆل سۈيى خۇددى ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، كۈزدىكى كۆپكۈك ئاسماننىڭ سايىسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. تۈركۈم-تۈركۈم سۇ قۇشلىرى بەزىدە قانات قېقىپ ئېگىز پەرۋاز قىلسا، بەزىدە سۇ يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئوينىغاچ ئوزۇق ئىزدەيتتى، بۇ سۇ رايونىغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ ۋە قاينام-تاشقىنلىق بېغىشلايتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، نەسىللىك كالا فېرمىسى 8-نومۇرلۇق سۇ ئامبىرى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە قومۇشلار قويۇق ئۆسكەن، پەسىل قۇشلىرى توپلىشىپ، ئەتراپتىكى سەھرا مەنزىرىسى بىلەن تولىمۇ يارىشىپ، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى.





(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






