ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ ) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ «چېگرا رايوندا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلارنى توپلاش» 2026-يىللىق قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرگە يۈزلەنگەن خىزمەتكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى لەنجوۋ داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرگە يۈزلەنگەن خىزمەتكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى لەنجوۋ داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025-يىللىق كۈز پەسىللىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىم ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىشقا ئالاقىدار كەسپىي ئورۇنلار 521 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش بويىچە 1062 كىشىنى كىرگۈزىدۇ؛ 82 دۆلەت كارخانىسى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش بويىچە 224 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش بويىچە 1246 كىشىنى كىرگۈزىدۇ؛ 78 كارخانا ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش بويىچە 314 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش بويىچە 2985 كىشىنى كىرگۈزىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە پىلان بويىچە 1420 ئادەمنى تاللاپ ئەۋەتىش، سودىيە ياردەمچىسى، تەپتىش ياردەمچىسىدىن 213نى مەخسۇس تۈر بويىچە قوبۇل قىلىشنى ھەمتۈرتكە بولۇپ قانات يايدۇرىدۇ.

خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش نەق مەيدانىدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىش ئورنىنى ئەستايىدىل تاللىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






