تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ساھىل ۋالىبول كوماندىسى 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شياڭگاڭغا يېتىپ باردى، داۋاملىق شان-شەرەپ قۇچۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ئېنديەن خەۋىرى، فوتوسى) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر، ئاياللار ساھىل ۋالىبول كوماندىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەينەن ۋە گۇاڭدۇڭدىن يولغا چىقىپ، شياڭگاڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىگە يېتىپ بېرىپ، 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مۇساپىسىنى رەسمىي باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش جەي خۇڭفېي ئۆمەكنى باشلاپ مۇسابىقىگە ئاتلىنىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، بايراق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش»نى مەنىۋى يېتەكچى قىلىپ، تىيانشان ئەزىمەتلىرىگە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئىشەنچى قوشتى.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى جۇڭگو شياڭگاڭدا ماسلىشىش مەشىقى قىلماقتا.

     بۇ يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىل ۋالىبول تۈرىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى جياڭسۇ يەنچېڭدا ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك بولدى، 2-كوماندىدىكى قەدىرىيە غەيرەت/ ئەقىدە مۇساجان بىلەن 1-كوماندىدىكى ۋاڭ جىڭجې/ شيا شىنيى 1-، 2-لىككە ئېرىشتى؛ ئەرلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ/سالام ئەخمەت گۇرۇپپىسى 5-بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ كوماندا، ئالتە ماھىرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى جۇڭگو شياڭگاڭدا ماسلىشىش مەشىقى قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى جۇڭگو شياڭگاڭدا ماسلىشىش مەشىقى قىلماقتا.

شىنجاڭ ئەرلەر ساھىل ۋالىبول كوماندىسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى شياڭگاڭغا يېتىپ باردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.