تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەيلى

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق پىلانلىدى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدە قىسمەن ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىپ كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىت، شارائىت بۇرۇنلا ئۆزگەردى، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك»لىكىنى تونۇپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن «قوش ئايلىنىش»تىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى. ئاچقۇچلۇق پەيتتىكى ئاچقۇچلۇق تاللاش پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد چوڭ دۆلىتىدىن ئىقتىساد كۈچلۈك دۆلىتىگە ئۆتۈشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يول تاللىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ ھەل قىلغۇچ قەدەمنى بېسىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ ئىستېمال بازىرى، 1 - چوڭ توردا پارچە سېتىش بازىرى بولۇش ئورنىدا مۇقىم تۇردى، 2021 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %86.4كە يەتتى؛ مال سودىسى كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ، مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2020 - يىلىدىكى 32 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 2024 - يىلىدىكى 43 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.0 ئاشتى... كەسكىن، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى مۇھىتتا، بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇردۇق، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىش سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى، ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تاشقى مۇھىت قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى شۇنچە تېزلىتىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى ئايلىنىشنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

چوڭ دۆلەت ئىقتىسادى ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىدۇ، بازار بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ كەمچىل بايلىق، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى. دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن ۋە مۇكەممەللەشكەن، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەيلى ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش بولسۇن، ياكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش بولسۇن، ھەممىسى سېلىنما بىلەن ئىستېمالنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باغلىنىشچانلىقى نامايان قىلىندى. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار ئايرىمىچىلىقىنى تۈگىتىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشنى نەتىجىلىك، ئۆلچەملىك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقەررەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت - ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئېشىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىش ئەگرى سىزىقىنى سىزىپ چىقتى. گەرچە يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىچكى بازار بىلەن تاشقى بازارنىڭ ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

ئۆزگىرىش پۇرسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، خىرىس كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدۇ. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىز نۇرغۇن تاشقى خەۋپ - خەتەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئەڭ ئاخىرىدا خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇردۇق، بۇنىڭدا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا، تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى دۆلەت ئىچىگە قويۇشقا تاياندۇق. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جاھاننى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جەزمەن توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، توختىماي ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.