شى جىنپىڭ
يولداشلار:
مەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)نى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بېرىمەن.
1. «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانى
ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بۇ يىل تاماملىنىدۇ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تەتقىق قىلىپ ياخشى تۈزۈش دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىل 1 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىقىشنى قارار قىلىپ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇردى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يولداش لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتناشتى، گۇرۇپپىمىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدۇق.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىشنى ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى. 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئالدى. 2 - ئاينىڭ ئاخىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 6 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە بېرىپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىسمەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا 35 تۈرلۈك نۇقتىلىق تېمىنى تەتقىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مەن شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتىم. ئارقىدىن، يولداش لى چياڭغا ئىقتىساد ساھەسى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىشنى ھاۋالە قىلدىم. بىز يەنە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق قالدۇرۇلغان سۆز تاپشۇرۇۋالدۇق، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇنىڭ ئىچىدىن 1500دىن ئارتۇق تەكلىپنى رەتلەپ چىقتى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىش دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇملاشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلغاندا، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىدۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىغا تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق. ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «تەكلىپ» ئارگىنالىنى پارتىيە ئىچىدە مۇئەييەن دائىرىدە تارقىتىپ پىكىر ئالدۇق، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئالدۇق، يەنە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى مەخسۇس ئاڭلىدۇق. پىكىر ئېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جايلار ۋە تارماقلار «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى، «تەكلىپ» ئارگىنالىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تارىخىي ئورنى توغرا ئىگىلىنىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، يېتەكچى فاڭجېن ئىلمىي، دەل جايىدا، ئاساسلىق نىشان ئېنىق، ئايدىڭ، ۋەزىپە - تەدبىرلەر راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپتۇ، ئۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشتەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىنىڭ 218 جايىنى تولۇقلىدۇق، ئۆزگەرتتۇق، ئىخچاملىدۇق، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەر بەرگەن 452 پىكىر ۋە تەكلىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 قېتىم، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2 قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان «تەكلىپ» ئارگىنالىنى شەكىللەندۈردى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرغانلىقنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
2. «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاشتىكى ئاساسلىق ئويلىنىش ۋە «تەكلىپ» ئارگىنالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى
«تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاشتا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئويلاشتۇق.
«تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانىدا، بىز تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەردۇق. بىرىنچىدىن، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق سىستېمىلىق پىلانلاپ، دۇنياۋى يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ۋە تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىش. ئىككىنچىدىن، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش. تۆتىنچىدىن، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇش بىلەن بىللە، دۇنياۋى ئامىل بايلىقى ۋە بازار بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى پايدىلىنىش.
«تەكلىپ» ئارگىنالى جەمئىي ئۈچ چوڭ بۆلەك، 15 قىسىمدىن تەركىب تاپتى، 1 - بۆلەك ئومۇمىي بايان بولۇپ، 1 -، 2 - قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا ئىگە بولغان مۇھىم ئورنى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلار ۋە ئاساسلىق نىشان قاتارلىق مەزمۇنلارنى بايان قىلدۇق. 2 - بۆلەك خاس بايان بولۇپ، 3 - قىسىمدىن 14 - قىسىمغىچە بولغان 12 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى ئومۇملۇققا ۋە يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى بازار، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايونلار تەرەققىياتىدىن تارتىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغىچە بولغان نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئائىت پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. 3 - بۆلەك 15 - قىسىم بىلەن ئاخىرقى سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش قاتارلىقلارغا دائىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
3. ئىزاھلاشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتىلىق مەسىلە
«تەكلىپ» ئارگىنالىدا بەزى مۇھىم كۆز قاراش ۋە زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە نۇقتىلىق مەسىلىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ مۇھىم ئورنى توغرىسىدا. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان بولۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ۋەزىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈم. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلى بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، ئۇنىڭدا پۇختا ئاساس سېلىپ، ئىشنى ياخشى باشلىدۇق. «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزگەن ۋە ياخشى يولغا قويغاندا، 2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
«تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇشۇ ئاساسىي ئورۇننى چىقىش قىلغان ھالدا پىلانلىنىپ، ھەم 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئومۇمىي پىكىر يولى، مۇھىم پىرىنسىپ، ئاساسلىق نىشان، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى توغرىسىدا. تەرەققىيات نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىش بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ۋە ياخشى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسىي ئورۇن ۋە باسقۇچلۇق تەلەپلەر ئىگىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2035 - يىلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى دەل كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇۋاپىق سۈرئەتنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ئىلمىي دەلىللەش ئاساسىدا، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئاشۇرۇش، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى مۇقىم ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىش، ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈش، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى سىجىل كۆپەيتىش قاتارلىق مۇھىم نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى باسقۇچتا دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورىيىش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتىشمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن، «تەكلىپ» ئارگىنالىدا ئاھالىنىڭ ئىستېمال نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلىك رولىنى سىجىل كۈچەيتىش قاتارلىق نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىلگىرىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئاساسلىقى خاراكتېر بېكىتىش تەلىپى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «تەكلىپ»نىڭ ماكرولۇق يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان مىقدار بېكىتىش تەلىپى ۋە بەزى كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى يىرىك پىلان «پىروگرامما»سىنى تۈزگەندە تەتقىق قىلىپ بېكىتىشكە قالدۇرۇلدى.
ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش توغرىسىدا. «تەكلىپ» 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
«تەكلىپ» ئارگىنالىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىش، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇئەييەن ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدا يولغا قويۇشنىڭ رېئال مۇمكىنچىلىكىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك، «تەكلىپ» ئارگىنالىدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇش، يەنى، كۆپچىلىكنى خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ئەقلىي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھە - ھۇ بىلەنلا باشلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
تۆتىنچى، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا. تاشقى مۇھىت قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شۇنچە تېز بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى ئايلىنىشنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق تاشقى ئايلىنىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى تۈگىتىش كېرەك.
«تەكلىپ» ئارگىنالىدا ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىش تەكىتلەندى، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بەشىنچى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشى توغرىسىدا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىشىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتۇق. «تەكلىپ» ئارگىنالىدىكى يېتەكچى ئىدىيەدە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشى گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى.
«تەكلىپ» ئارگىنالىدا ئورتاق بېيىشتىكى نىشان - تەلەپلەر پۇختا ئىگىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئېرىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. رايونلار پەرقى، شەھەر - يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئالتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا. خەۋپسىزلىك − تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات − خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، دۆلىتىمىزدە ھەر خىل ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ - خەتەر ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىدۇ. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يەتتىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى داۋاملىق بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش - باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭى، ئومۇمىي جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش تەكىتلەندى.
يولداشلار، 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان «تەكلىپ»ىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئىجادىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى بىرلىكتە ياخشى ئېچىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىغا ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزەيلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






