(2025 - يىل 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بەردى.
1. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل
(1) «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلدى؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى مول ۋە رەڭدار بولدى؛ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا مۇستەھكەملىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئېشىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى؛ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسى ياخشى باشلاندى. بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى.
(2) «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان بولۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تەرەپلەرنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
(3) «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشەلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، دۆلىتىمىز خەلقئارا بوشلۇقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاش، تاشقى مۇھىت بەرپا قىلىشتا نۇرغۇن پايدىلىق ئامىللارنى ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، داۋالغۇش كۈچىيىپ، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش ئاسان، كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ؛ يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىي تەھدىتى كۈچىيىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ؛ چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك؛ ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرسىز، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشتا بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلار مەۋجۇت؛ كونا قۇۋۋەتنىڭ ئورنىغا يېڭى قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرۇش بېسىمى بىرقەدەر چوڭ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا كەمتۈكلۈك، ئاجىز تەرەپلەر مەۋجۇت؛ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارغا يېڭى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە يەنە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر بار.
ئۆزگىرىش پۇرسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، خىرىس كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدۇ. پۈتۈن پارتىيە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇننىڭ زور سىناقلىرىغا دادىل يۈزلىنىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
2. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانى
(4) «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى. ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
(5) «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىش شەرت بولغان پىرىنسىپ.
− پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەتنى بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
− خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش. خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش داۋامىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشى، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل خەلقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.
− يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
− ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.
− ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىل ئىگىلىك، ئىناۋەت ئىگىلىكى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرىدىغان»، ھەم «ياخشى باشقۇرىدىغان» ئىقتىسادىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
− تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
(6) «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى.
− يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش. ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئاشۇرۇپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، ئاھالە ئىستېمال نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلىك رولىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى سىجىل نامايان قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.
− پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش. دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يانداشما ساھە ۋە باشلامچى ساھەلەرنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش كېرەك.
− ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك.
− جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ئاممىۋى پىكرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.
− خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇپ، ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنى سىجىل كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.
− گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى سىجىل ئازايتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
− دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
مۇشۇ ئاساستا يەنە بەش يىل كۈرەش قىلىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇرا ھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
3. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ۋە تېخنىكا ئاساسى. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، ئاقىللىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
(7) ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كانچىلىق، مېتاللورگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، بىناكارلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ دۇنياۋى كەسىپلەر ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنى ۋە رىقابەت كۈچىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپكە قايتا ئاساس سېلىشنى ۋە زور تېخنىكا - جابدۇق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىپ، ئاقىللىشىپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىل ياسىمىچىلىق، يېشىل ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچان ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ ئەندىزىسى ۋە كارخانا تەشكىلىي شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىش كېرەك. سۈپەت تېخنىكا ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۆلچەم يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(8) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش، مەھسۇلاتلارنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇھىتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.
كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تېخنىكا لىنىيەسى، تىپىك قوللىنىش مۇھىتى، يولغا قويۇشقا بولىدىغان سودا ئەندىزىسى، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، بىيوياسىمىچىلىق، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو يىغىلىش ئېنېرگىيەسى، مېڭە - ئۈسكۈنە ئۇلاش، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، 6 - ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنى بۆلۈپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەركىدان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(9) مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كەسپىيلىشىشىنى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ھالقىسىغا كېڭىيىشىنى ساھەلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رەقەملىشىشى، ئاقىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇلازىمەت ئۆلچىمى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت ماركىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇلازىمەتچىلىكنى ئىستاتىستىكا قىلىش، كۆزىتىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
(10) زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش. ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توپلىشىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئەۋرىشىملىكى ۋە يۈرۈشۈشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇۋاپىق ئالدىن قۇرۇپ، ئۇچۇر - ئالاقە تورى، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇلاردىن تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ، ئاقىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھالقىپ بىرتۇتاش جايلاشتۇرۇش، ئۇسۇل ھالقىپ بىر گەۋدە قىلىپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاجىز رايونلارنى قاپلاش ۋە راۋانلاشتۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ خىللاشقان، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك خەلقئارا تىرانسپورت يولى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە غول يوللىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان سۇ تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلكۈن - ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش تەقسىملەش ئىقتىدارى، شەھەر - يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدىمۇ، جىددىي ئەھۋالدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
4. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.
(11) دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش. يېڭى تىپتىكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، سەرخىل ئەسۋاب، ئۇللۇق يۇمشاق ماتېرىيال، ئىلغار ماتېرىيال، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تولۇق زەنجىرلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق جايلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات سېلىنما نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇزاققىچە مۇقىم قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق مۇھىتلارنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى يارىتىش كېرەك.
(12) پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئاساسىي شارائىتىغا ئۆز ئالدىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا - بازىلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە كەسىپ پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى جايلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مەنبەلىك فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ئۇقۇمنى دەلىللەش، ئارىلىق سىناق ئارقىلىق دەلىللەش سۇپىلىرىنى جايلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، قوللىنىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش كېرەك. پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىنىڭ قانۇنچىللىق، ئېتىكا، سەمىمىيەت، خەۋپسىزلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇشىغا، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئۈستىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنى ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى ۋە ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ۋە پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
(13) مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىش. بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىدىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلانلارنىڭ جىپسىلىشىشى، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشى، بايلىقلارنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىنىشى، باھالاشنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە مائارىپ مەركىزى، ئىلىم - پەن مەركىزى، ئىختىساسلىقلار مەركىزى قۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قوش بىرىنچى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ ۋە دۆلەت كىرىشمە پەنلەر مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، كارخانا ۋە پەن - تېخنىكا پىلانلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، داڭلىق ئىنژېنېرلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە تۆھپىسىنى باھالاش يۆنىلىشى قىلىپ، تۈرلەرنى باھالاپ بېكىتىشكە، ئاپپاراتلارنى، ئىختىساسلىقلارنى باھالاشقا ۋە كىرىم تەقسىماتىغا دائىر ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارغا دائىر كۆچمەنلەر تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دۇنياۋى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈش كېرەك.
(14) رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. سانلىق مەلۇمات ئامىلى ئاساسىي تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ئوچۇق، ھەمبەھرە، بىخەتەر سانلىق مەلۇمات بازىرى بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ئالاقە تورىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق رەقەم تېخنىكىسى ۋە ئاقىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي نەزەرىيە ۋە يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى كۈچەيتىش كېرەك. «سۈنئىي ئەقىل +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق پەن تەتقىقات ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقىلنى كەسىپ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىل كەسىپلىرىنى قوللىنىش يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ساھە - كەسىپلەرگە ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇش كېرەك. سۈنئىي ئەقىلنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام، سىياسەت - تۈزۈم، قوللىنىش قائىدىسى ۋە ئېتىكا مىزانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئىجادىي ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
5. قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش
قۇدرەتلىك ئىچكى بازار − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياج ئارقىلىق يېڭى تەمىناتنى يېتەكلەپ، يېڭى تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياج يارىتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
(15) ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۈپەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئىجازەتنى قويۇۋېتىش ۋە كەسىپ ھالىتىنى يۇغۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ماركا ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۆلچەم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تېخنىكا قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، تاۋار ئىستېمالىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرتكە بولۇش دائىرىسى كەڭ، يارقىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم ئىستېمال يېڭى مۇھىتلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقئارا ئىستېمال مەركىزىي شەھەرلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، چېگرادىن كىرىپ ئىستېمال قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدار سىياسەتلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان چىقىمنى كۆپەيتىش كېرەك. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈزۈم - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ قاتارلىق ئىستېمالغا دائىر نامۇۋاپىق چەكلىمە خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئېنىقلاپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مۇھىتىغا لايىقلاشقان باشقۇرۇش چارىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بېسىق ۋاقىتقا تاقاشتۇرماي مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
(16) ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش. سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت زور ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۆتكىلىش يۈزلىنىشىگە لايىقلىشىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ئالاقىدار سېلىنمىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، خىزمەت ئاساسى بىرقەدەر ياخشى بولغان جايلاردا ئومۇمىي ھۆكۈمەت سېلىنمىسى پىلانىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. پىلانلاش ۋە دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنى زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشتۇرۇشقا دائىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى فوندىنىڭ يېتەكچىلىك - تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، بازار يېتەكچىلىكىدىكى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(17) مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىش. بازارنىڭ ئاساسىي تۈزۈم - قائىدىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئۇچۇر ئاشكارىلاش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت، قوشۇۋېتىش - قايتا تەشكىللەش، بازاردىن چېكىندۈرۈش قاتارلىقلارغا دائىر تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىلغا ئېرىشىش، سالاھىيەت بېكىتىش، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى توسۇقلارنى تۈگىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار بۆلۈنۈشىنى تۈگىتىش كېرەك. «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقىنىڭ ئۆلچەم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش - قانۇن يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئەۋزەل باھالىق، ياخشى رىقابەتلىك بازار تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىر گەۋدە بولۇپ جىپسىلاشقان ئوبوروت قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بازار ئەسلىھەلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئىستاتىستىكا، مالىيە - باج، باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا باش ئىشتابى بىلەن شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ، ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار بىلەن ئىستېمال قىلىدىغان جايلارنىڭ مەنپەئەتتىن بەھرىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.
6. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش
يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(18) تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش.
«ئىككى قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىش، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماس، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىگە بولغان قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى تېزدىن قۇرۇش كېرەك.
(19) ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش. تۈرلۈك ئامىل بايلىقىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرى، ئىقتىدارى مۇكەممەل كاپىتال بازىرى، يۆتكىلىشى راۋان ئەمگەك كۈچى بازىرى، ئايلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى تېخنىكا بازىرىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ماكرو مۈلۈك - قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈپ، ساقلانما بايلىق مۈلكىنىڭ ئاساسىي سانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، مۈلۈك - قەرز قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. قوشۇۋېلىش، ۋەيران بولۇش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەر، بىكار ئۆي - مۈلۈك، ساقلانما ئۇل ئەسلىھەلەرنى جانلاندۇرۇپ ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. سودا - سانائەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇددەتنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ساقلانما دۆلەت مۈلكىنى جانلاندۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈمىنىڭ ئىجراسى بىلەن ۋەيران بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پېچەتلەنگەن، توڭلىتىلغان مال - مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇش كېرەك.
(20) ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل سىياسىتىنىڭ ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ، باھا، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىستېمال، سېلىنما، سودا، رايون، مۇھىت قوغداش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىستېمال تۈرتكە بولىدىغان، ئىچكى ئامىللىق ئاشىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ماكرو سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، كۆزلىمىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.
ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە بايلىقى ۋە خامچوتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوت تەقسىماتى ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك باج، بىۋاسىتە باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت تاپاۋىتى، كاپىتال تاپاۋىتى، مال - مۈلۈك تاپاۋىتىگە دائىر باج سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ماكرو باج سېلىقى سەۋىيەسىنى ساقلاش كېرەك. مەركەزنىڭ ئىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش، مەركەز مالىيەسىنىڭ چىقىم نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلارنىڭ مۇستەقىل مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.
پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. مەركىزىي بانكا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، پۇختا پۇل سىياسىتى سىستېمىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۇل سىياسىتى ئۆتمە مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كاپىتال بازىرى تۈزۈمىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پاي ھوقۇقى، زايوم قاتارلىقلارغا دائىر بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، زاكاز مال، ھاسىلىي مەھسۇلات ۋە مۈلۈكنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ زېھنىنى ئاساسىي كەسىپكە قارىتىشى، ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى بەرپا قىلىش كېرەك. رەقەملىك خەلق پۇلىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. شاڭخەي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش بايلىقى ۋە ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
7. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش
ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش كېرەك.
(21) ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىش. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش ساھەسى ۋە رايونلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. رايون ۋە ئىككى تەرەپ سودا - سېلىنما كېلىشىمى مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى كېڭەيتىش كېرەك. رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سودىسى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا دائىر زور ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش سۇپىلىرىنى بىرتۇتاش جايلاشتۇرۇپ قۇرۇش كېرەك. خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كاپىتال تۈرلىرىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇستەقىل، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى چىقىم سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنياۋى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىل، ھەققانىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(22) سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. تاشقى سودىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بازارنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مال سودىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارا مەھسۇلات سودىسى، يېشىل سودىنى كېڭەيتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېكسپورتىغا ئىلھام بېرىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەقەملىك سودىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ساھەلەرنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئېكسپورتنى تىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(23) قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش. تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، «كىرىش ئىجازىتى بىلەن تىجارەت ئىجازىتىنى تەڭ بېرىش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، تاشقى مەبلەغنىڭ چېگرا ئىچىدە قايتا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتىلغان مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى مۇئامىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، بىخەتەر يۆتكىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشكارا، مۇقىم، مۆلچەرلىنىشچان تۈزۈم مۇھىتى يارىتىش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سودا بىلەن سېلىنمىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى چېگرا ھالقىپ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك جايلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.
(24) «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش. ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە - ئۆلچەم جەھەتتىكى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقان دۆلەتلەر خەلقى بىلەن «قەلبنى تۇتاشتۇرۇش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق تۇتاشتۇرۇش - راۋانلاشتۇرۇش تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي رايون قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. سودا، سېلىنما، كەسىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك ئىقتىساد، سەھىيە - ساغلاملىق، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. كۆپ خىللاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چەت ئەلدىكى مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
8. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش
يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
(25) يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. مەھسۇلات مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيەسى ۋە مەھسۇلات - كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى، ماركىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بىرتۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى چوڭ كەسىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش ۋە شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان، ئېدىرلىق، تاغلىق رايونلاردا ئىشلىتىشكە باب كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇللارنى توپلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان يېمەكلىك تەمىناتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئورمانلىق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورمان - ئوتلاق كەسپىنى زورايتىش كېرەك. يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىنىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(26) ياشاش ۋە ئىشلەشكە باب كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى»نىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ، تەرتىپلىك رايونچىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولايلىقلىقى، ياشاش مۇھىتىنىڭ ئازادىلىكىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. كەنت - بازارلارنىڭ جايلىشىشىنى بىرتۇتاش ئەلالاشتۇرۇپ، ناھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە ئاسراشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيەلەرنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يەرنى پۈتۈن دائىرىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى سىجىل تۈزەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش، كەنتلەرنى ئەخلەت قاپلاپ كېتىش قاتارلىقلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، يېزا - كەنتلەردە ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسىنى قېزىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(27) يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. مالىيە ئالدىن كاپالەتلەندۈرىدىغان، پۇل مۇئامىلە نۇقتىلىق مايىللىشىدىغان، جەمئىيەت پائال قاتنىشىدىغان كۆپ خىل سېلىنما ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ ۋە قوزغاپ، باھا، ياردەم پۇل، سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەر ئارقىلىق قوللاش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان رايونلارغا ئۆلكىلەر ئارا توغرا لىنىيەلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش ۋە زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىپ، بىكار يەر ۋە ئۆيلەرنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش كېرەك.
قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى بىرتۇتاش بەرپا قىلىپ، دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇقلاش شەكلىدە كاپالەتلەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام، تۈر بويىچە يار - يۆلەك بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
9. رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەستىلەنمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېشىش قۇتۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
(28) رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىقىنى كۈچەيتىش. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، ئوتتۇرا رايونلارنى تېز يۈكسەلدۈرۈشكە، شەرقىي رايونلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي رايون، ئوتتۇرا رايون، غەربىي رايوننىڭ ۋە جەنۇب - شىمالنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىلىك رولىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى راۋاجلاندۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى زامانىۋى شەھەر قىلىپ قۇرۇشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلارنى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ۋە خاس ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە كۆرسىتىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. پەرقلىق سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون قاتارلىقلارنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(29) رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. رايون، ۋادى ھالقىغان چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش - راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق شەھەر توپلىرىنىڭ ماس، ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، رايونلار يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەر توپلىرى قاتارلىقلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرقانچە رايونلۇق مەركىزىي شەھەر يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ھالقىغان تۇتاشما رايونلارنىڭ تىرەكلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلار ئارا يىرىك پىلاننى بىرتۇتاش پىلانلاش، كەسىپلەردە ھەمكارلىشىش، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىقلارغا دائىر مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋادى ئىقتىسادىغا دائىر ئەندىزىلەرنى كېڭەيتىش كېرەك.
(30) دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەشكەن رايون، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايون، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئالاھىدە فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قوللاش سىياسىتى ۋە سىناش - باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بازىسى قاتارلىقلارنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش پاسىلى قاتارلىقلارغا دائىر كونترول سىزىقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلىتىلىش ئورنىنى رايون، تۈر بويىچە پەرقلىق، ئىنچىكە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە قۇرۇلۇش يېرىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، قۇرۇلۇش يېرى ئومۇمىي مىقدارىنى يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساقلانما مىقدار بىلەن كۆپەيمە مىقدارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەر بىلەن ئۇنىۋېرسال تەمىنلەشنى يولغا قويۇش كېرەك.
(31) ئادەم ئاساس قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، دائىم تۇرۇشلۇق جاي نوپۇس تىزىملاپ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر توپلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنىڭ شەھەرداشلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر كۆلىمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى، تۈجۈپىلىك، ئىخچام جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە بازىرى مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنى ئىچكى ئامىللىق راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىجادىي، ياشاشقا باب، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋى خەلق شەھىرى بەرپا قىلىش كېرەك. چېگرا بويى شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
(32) دېڭىز - ئوكياننى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز - ئوكياننى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز - ئوكيان جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دېڭىز - ئوكيان كەسىپلىرىنى زورايتىپ، زامانىۋى سۇ تىرانسپورتى مۇلازىمەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېڭىز - ئوكياننى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش - ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، دېڭىز - ئوكيان ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى، ئاراللاردىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭقۇر دېڭىز ۋە قۇتۇپ تەكشۈرۈشكە تىرەك بولۇش - كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دېڭىزدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە دېڭىز ئىشلىرى بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
10. پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش
مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، قۇدرەتلىك ئىدىيە يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
(33) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە دائىر ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىرادە تاۋلاش، پەزىلەت يېتىلدۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتتە جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەنىۋى خىسلەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. سەمىمىيەت مەدەنىيىتى، پاكلىق مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(34) مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش. ياخشى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش ۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات، تەشۋىقات ۋە تور ئاممىۋى پىكرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش - تەپتىش قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر، كوچا، كەنت - بازارلارنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇلارغا جانلىق ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت مەدەنىيەت باغچىلىرىنى ياخشى قۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
(35) مەدەنىيەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش. مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە ماركىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زور مەدەنىيەت كەسپى تۈرلىرى ئارقىلىق يېتەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادىغا دائىر ئاكتىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ رەقەملىشىش، ئاقىللىشىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشىغا، ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تور ئەدەبىياتى، تور ئويۇنى، تور ئۈن - سىنى قاتارلىقلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەتچىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ قولايلىشىش، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
(36) جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش. خەلقئارا تارقىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارقىتىش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا سۆز ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. رايون، دۆلەت ئايرىمىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.
11. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش
خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(37) يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دوستانە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئىش ئورنىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تەمىنات - ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش قارىشى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش مەدىتى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمگەك ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە دائىر كېڭىشىش - ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئادىل، تەرتىپلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش تەسىرىنى باھالاش ۋە كۆزىتىش - سىگنال بېرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرىگە ھەر تەرەپلىمە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
(38) كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى نىسبىتىنى ۋە ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تۆھپىسىنى بازار باھالايدىغان، ھەققىنى تۆھپىسىگە قاراپ بەلگىلەيدىغان دەسلەپكى تەقسىمات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش، قابىلىيەتلىكلەر كۆپ ئېلىش، يېڭىلىق ياراتقانلار كۆپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مائاش تەقسىماتىغا ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك. باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكىمە چىقىم قاتارلىق قايتا تەقسىماتنى تەڭشەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى مەنپەئەت - خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كىرىم تەقسىماتى تەرتىپى ۋە بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قانۇنلۇق بېيىشقا مەدەت بېرىپ، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارنى يېتەكلەش ئارقىلىق ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەپ، زەيتۇنسىمان تەقسىمات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(39) خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش. يېڭى دەۋر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسى بىلەن جەمئىيەت دەرسخانىسىنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى، ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس ساپ كۆپىيىۋاتقان شەھەر - بازارلارنىڭ مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھەقسىز مائارىپ دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئاساسىي مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى، يەسلى مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش بايلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپنى ئوبدان يولغا قويۇش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، روشەن خاسلىققا ئىگە ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.
(40) ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تەمىناتنى بېكىتىش ۋە تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ۋە قالدۇق مەبلەغنى ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي زەخمەت كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئىنچىكە ھېسابلاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى داۋاملىق ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك غەملەش، بىرتۇتاش تەڭشەش، قىممىتىنى ساقلاش - ئاشۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك سودا سۇغۇرتىلىرىنىڭ تولۇقلىما كاپالەت رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى ۋە بېجىرىش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يالغۇز قالغان ياشانغانلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار - بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
(41) ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. ئۆي - زېمىن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تاۋار ئۆي ئېچىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سېتىش قاتارلىقلارغا دائىر ئاساسىي تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى مائاشلىقلار ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەر، ئازادە، يېشىل، ئاقىل «ياخشى ئۆي» قۇرۇپ، ئۆي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۆينىڭ ئۆمۈرلۈك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.
(42) ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش. ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك. داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەنپەئەت يېتەكچى قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىشتاتى، مۇلازىمەت باھاسى، ئىش ھەققى تۈزۈمى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا دائىر ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە - رايون، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئۇلىنى چىڭىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىغا ئالاقىدار رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇش بويىچە پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جىددىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش، قان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجادىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(43) نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بارلىق كىشىلەرنى ۋە پۈتكۈل ئۆمۈرنى قاپلىغان نوپۇس مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاكتىپ ئۆيلىنىش - تۇغۇش قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بالا بېقىش ياردەم پۇلى ۋە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىلەرنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك. تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتى، كەمتۈك ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ۋە كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىگە ياردەم پۇل بېرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىنىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش بىلەن بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىشنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى قەدەممۇقەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاياللار ۋە بالىلار ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كەسىپلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەت - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياشانغانلارغا مۇۋاپىق ۋە توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ساقلىق ساقلاش - ھاۋالىلىك بېقىش، داۋالاش - كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى، ئارامبەخش پەرۋىشىگە دائىر مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى پۇختا يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياش چەكلىمىسى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلار ئادەم كۈچى بايلىقىنى پائال ئېچىپ، ئاقباشلار ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
(44) ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش نىشانى، يولى، تەدبىرلىرىنى بەلگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشىگە، يېزىلارنى قاپلىشىغا، چەت، يىراق رايونلار ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دائىملىق ئاھالە بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان ئاممىۋى بايلىق تەقسىملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ناھىيەلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما كاپالىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
12. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش
يېشىل تەرەققىيات − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن خاسلىقى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
(45) بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. خەلق ئۈچۈن مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلغىما ئازايتىش - كاربون تۆۋەنلىتىشنى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ خىل بۇلغىمىنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە رايون ئىدارە قىلىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمى يادرو قىلىنغان مۇقىم بۇلغىما مەنبەلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر ئۆلچەم، كۆزىتىش، باھالاش ۋە سىناش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دۆلەت باغچىلىرىنى تەرتىپلىك قۇرۇش كېرەك. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ خىللاشقان ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. مۇھىم دەريا، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنى سىستېمىلىق تۈزەش ۋە ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىشنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.
(46) يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش. يېڭى ئېنېرگىيە تەمىناتى نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئۇنى تاشقاتما ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تەرتىپلىك ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك. شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولت ئېلېكتىرى، سۇ ئېلېكتىرى، يادرو ئېلېكتىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئېنېرگىيەلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىدا بىر تەرەپ قىلىش، جايلاشتۇرۇش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاشقاتما ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە پارچە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش - ھەمكارلىشىش سەۋىيەسى ۋە بىخەتەرلىك، ئەۋرىشىملىك سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تارتما سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىچە زاپاس ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاقىل ئېلېكتىر تورى ۋە مىكرو ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. تېرمىنال ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا لايىقلاشقان بازار ۋە باھا مېخانىزمىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
(47) كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش. كاربون چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش - كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. كۆمۈر ۋە نېفىت ئىستېمالىنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كاربون چىقىرىشنى ئىستاتىستىكا - ھېسابات قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ كاربون چىقىرىشىنى باھالاش، ساھەلەرنىڭ كاربون چىقىرىشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، كارخانىلارنىڭ كاربون چىقىرىشىنى باشقۇرۇش، تۈرلەرنىڭ كاربون چىقىرىشىنى باھالاش، مەھسۇلاتلارنىڭ كاربون چىقىرىشىنى ئىزلاش قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەت - تۈزۈملەرنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. تارقالما ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، نۆل كاربونلۇق زاۋۇت ۋە باغچە رايونلىرىنى قۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارنىك گازى چىقىرىشنى ئىختىيارىي ئازايتىش سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقئارا قائىدە - ئۆلچەمنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ۋە جىپسىلىشىپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە لايىقلاشقان خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە، بولۇپمۇ چېكىدىن ئاشقان ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(48) يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. سانائەت، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تېجەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو باشلامچى رايونى قۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا، پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداشقا دائىر سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېشىل ئىستېمالنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
13. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش
تىنچ جۇڭگو قۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، جەمئىيەتنىڭ جۇشقۇن ھەم تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(49) دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەنى باشلامچى قىلىش، سىياسەتنى تۇتقا قىلىش، قانۇنچىللىقنى كاپالەت قىلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم مەخسۇس تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق زەنجىرلىك، تولۇق ئامىللىق ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېما بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جازالاشقا، ئارىلىشىۋېلىشقا، «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا قانۇن ئىجراسى خەۋپسىزلىكى بويىچە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
(50) نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئەمەلىي جەڭدە ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، ئىقتىسادنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇشىغا، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك زور خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي كاپالىتىنى پۇختىلاپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، مۇھىم كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، بىخەتەر پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يول بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك كىندىك رايون قۇرۇلۇشى ۋە ئاچقۇچلۇق كەسىپ زاپىسىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تور، سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل، جانلىقلار، ئېكولوگىيە، يادرو، ئالەم بوشلۇقى، چوڭقۇر دېڭىز، قۇتۇپ، تۆۋەن بوشلۇق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆي - زېمىن كەسپى، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، ئوتتۇرا - كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى تەرتىپلىك تۈگىتىشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
(51) ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئاممىۋى خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ تىپىنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تىپىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھاۋا رايى ئاپىتى، گىدرولوگىيەلىك ئاپەت، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە زور تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا دائىر خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى، زەھەر جىنايىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ماسلاشتۇرۇلغان جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك .
(52) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر سىياسەت ۋە قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كەنت(مەھەللە) خىزمىتى ئىشلىرىغا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. تور ۋە تور سىرتىدا ماسلىشىپ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچلىرىنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، كەنت ئاھالىسى ئەھدىنامىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدىكى ناچار ئادەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك.
ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي توپلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار، ئاجىز توپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي پىسخىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە كىرىزىسقا ئارىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر ئاھالىسى قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، «خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زىددىيەت - ماجىرالارنى مەنبەدىن تۈگىتىش، كۆپ خىل تۈگىتىش، تەرتىپلىك تۈگىتىشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
14. ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش
مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئاقىللىشىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(53) ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. ئىستراتېگىيەلىك چۆچۈتۈش كۈچلىرىنى زورايتىپ، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يېڭى ساھە، يېڭى سۈپەتلىك جەڭ قىلىش كۈچلىرىنىڭ كۆلەملەشكەن، جەڭگىۋارلاشقان، سىستېمىلاشقان تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادەمسىز ئاقىل جەڭ قىلىش كۈچلىرى ۋە جازالاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى جەڭ قىلىش كۈچلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تور ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە قوللىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاقىللاشقان ھەربىي ئىشلار سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى تەرەققىياتىغا دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار تېخنىكىلارنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار قورال - جابدۇقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقىغا دائىر سىياسەت - تۈزۈملەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەربىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسپىيلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىستراتېگىيە ۋە جەڭ قىلىش پىلانى تۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەڭ قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشى ۋە تەتبىقلاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي كۈرەشنىڭ قاراتمىلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(54) ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش. خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كۈرەش قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش ئېھتىياجى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە دۆلەت مۇداپىئە بايلىقىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زور تەدبىر بەلگىلەشكە دائىر مەسلىھەتچىلىك - باھالاش ۋە زور تۈرلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي لازىمەتلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىستاتىستىكىلاپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى ئىقتىسادچىللىق، تېجەشلىك بىلەن قۇرۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئارمىيەنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن - نىزام تۈزۈمى تەمىناتى ۋە ئىجرا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(55) دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش. ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن يېڭى سۈپەتلىك كۈرەش قىلىش كۈچلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىلغار دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجى ئۆلچىمىنى ھەممىبابلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدا ھەربىي ئېھتىياجنى مەلۇم قىلىشنى ۋە ئارمىيە - يەرلىك ئېھتىياجىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، زور ئۇل ئەسلىھەلەردە دۆلەت مۇداپىئە تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى ئالدىن تۈزۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى ۋە خەلقنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
15. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش
پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.
(56) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن راۋان، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى داۋاملىق بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كادىرلارنى سىناش - باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى تەڭشەپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، چۈشۈرۈشكىمۇ بولۇشنىڭ دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەك قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە بىر پۈتۈن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق - نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشى، يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭى، ئومۇمىي جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
(57) سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك كېڭىشىش يوللىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق ۋە تۈزۈملۈك راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئىشلار ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىشى، ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىياۋمىنلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.
دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا دائىر تۈزۈم - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە قانۇن چىقىرىشنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تالاش - تارتىشنى ماھىيەتلىك تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ رەقەملىك سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تارماق ھالقىغان قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈم - كېسىمىنىڭ ئادىللىقى، مۇقىملىقى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جىسمانىي ھوقۇق، مال - مۈلۈك ھوقۇقى، ئادىمىيلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش، پايدا كۆزلەپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى توسۇش ۋە تۈزىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا سودا ئىشلىرى بويىچە مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، دەۋا قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىقنى ئۇنىۋېرسال باھالاش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىللىقنى قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
(58) شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىچكى رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى رايونلاردا تەرەققىي قىلىشى ۋە ياشىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەنگە تايىنىپ دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سۇ تىرانسپورتى مەركىزى، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئاۋمېننىڭ «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا»لىق رولىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق، كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ خەلقئارا سەردار ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.
(59) ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە - ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاق يۇغۇرما تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
(60) ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش. دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك ئاساستا كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، سىغدۇرۇشچانلىق ئاساسىدا دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەتراپ تەرەققىياتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەتراپ تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنى قوللاپ، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش كېرەك. زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
(61) پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەت ۋە جايلارنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈپ، ئورنى توغرا، چەك - چېگراسى ئېنىق، فۇنكسىيەسى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرتۇتاش جىپسىلاشقان دۆلەت يىرىك پىلان سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۆزىتىش - باھالاش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەركىم ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سالىدىغان، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئىلگىرىلەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






