ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن جياڭلىن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قىسقا تىياتىر «بورتالاغا مۇھەببەت»نى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بورتالا ئوبلاستى» دېيىلدى) سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قىسقا تىياتىرغا خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، خۇبېي ئۆلكىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، خۇبېي ليەنتوۋ گۇرۇھى يېتەكچىلىك قىلغان، بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، خۇبېي ليەنيىڭ چۇاڭيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، خۇبېي چاڭجياڭ كىنو گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلىگەن بولۇپ، خۇبېيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى يىن سەيخۇانىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى ئەسلىي تىپ قىلىنىپ، دىققەت «شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش» بىلەن «ياشلىق باھارىدىكى كۈرەش»كە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چېگرا رايوندىكى ياشلار بىلەن ئورتاق غايە تىكلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئىللىق ھېكايىسى بايان قىلىنىدىكەن.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، «بورتالاغا مۇھەببەت»نى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن فوتوسى
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، «بورتالاغا مۇھەببەت» ناملىق فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، بورتالا ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى «بۆرە ئۇسسۇلى» نومۇرىنى ئورۇندىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن فوتوسى
«بۇ قىسقا تىياتىردا قوش لىنىيەلىك بايان قۇرۇلمىسى بىلەن <شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش> <شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش> تىن ئىبارەت قوش ئاساسىي لىنىيە تۇتاشتۇرۇلۇپ، <جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش>نىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى نامايان قىلىنىدۇ» دېدى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەشۋىقات-مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پىڭ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «سايرام كۆلىدىكى بۇلۇت» ناملىق مۇزىكا پىلاستىنكىسى، ناخشا-ئۇسسۇللۇق شېئىر «سايرام كۆلىگە مۇھەببەت»نى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا كۈچ قوشۇپ، 100 مەيداندىن ئارتۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ھال سوراش ئويۇنى تەشكىللەپ، «مىليونلىغان خۇبېيلىق شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىپ، ھەر يىلى 300 مىڭغا يېقىن خۇبېيلىق ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە يېتەكلەپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشى، چوڭقۇر رىشتە باغلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






