ئاپتورلار: مەمەتئېلى ئەنۋەر، دىليار ئابلىكىم
ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، قۇملۇق ئالتۇن رەڭگە كىردى. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى لوبىن توغراقلىقى مەنزىرە رايونىدا 5-نۆۋەتلىك «گۈزەل توغراقلىققا مەستخۇش بولۇش سېھرىي كۈچكە تولغان لوپ» توغراق پەسىلىنى تاماشا قىلىش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، پائالىيەت نەق مەيدانى قىزىپ كەتتى، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ئالتۇنرەڭ توغراقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپلا قالماي، يەنە ئېگىز بوشلۇقتىكى دارۋازلىق ئويۇنى، مۇزىكا ئويۇنى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن كۈز كۈنلىرىدىكى كاتتا زىياپەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.
















(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






