− شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، شىنجاڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
ئومۇمىي يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى تېزدىن كۆتۈرۈلۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.
«ئومۇمىي يىغىن <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
«ئومۇمىي يىغىن روھى جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىدىكى تۈپ قوللانما.» جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت 305 تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما خۇادۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دەل جايىدا تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمىز. ساھەلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.
«ئومۇمىي يىغىن كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى مېڭىشقا يېڭى بۇرچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.» ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان خىمىيە سانائىتى قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «تەكلىپ» پارتىيەمىز تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن جىجوۋ مۇنداق دېدى: «تەكلىپ»تە تەبىئىي بايلىق خىزمىتىگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلار كۆپ، تەلەپلەر ئېنىق بولۇپ، مەۋقەنى تەبىئىي بايلىقلاردا «ئىككىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت يادرولۇق مەسئۇلىيەتكە قويۇپ، بايلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشنى چۆرىدەپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر پىلانلاپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى تەبىئىي بايلىققا ئالاقىدار «تېمىسى بەلگىلەنگەن ماقالە»نى ھەقىقىي ياخشى يازىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاياللار ۋە ئائىلىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا «يېرىم دۇنيا»لىق رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.
«تەكلىپ»تە مۇنداق تەكىتلەندى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ كەيشۈەن مۇنداق بىلدۈردى: دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «مىڭ ناھىيەدە مىڭ كوپىراتىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تور نۇقتىلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كوپىراتىپ كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇنىۋېرسال سۇپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
«14 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتتا قەدەمنى ياخشى ئېلىش، ئىشنى ياخشى باشلاشقا تۈرتكە بولىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بېكىتكەن نىشان بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىستېمال، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئورۇندايمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ سودا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە پورت تەرەققىياتىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە بالدۇر باشلاش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جۈ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەقە، ئاپەت بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىمىز.» جۇڭگو تەيپىڭياڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ئەسيان ئوسمان مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار «بەش چوڭ ئىش»نى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىمىز.
(مۇخبىر ۋاڭ نا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، ما يىنىڭ، ۋاڭ يايۈن، تويا، خېي خۇڭۋېي، ياڭ شۇخەن)






