تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تاماملاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن «تەكلىپى»دە كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى تولۇق نامايان قىلدى، مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «تەكلىپ»نى زىچ چۆرىدەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ زور ئەھمىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي ھۆكۈمىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسىي نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك تەلەپلەرنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، لېكسىيە سۆزلەشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رىتىم يېتەكچىلىكىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا سۆزلەش، ئومۇميۈزلۈك سۆزلەش، ئېنىق سۆزلەش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىزاھاتلارنى كۆپرەك بېرىپ، تەسىرلىك، جانلىق مىساللار، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر، كونكرېت، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپرەك قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك ياخشى سۆزلەپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش داۋامىدا قايىل قىلىش كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر ۋە كۆزلىمىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، لېكسىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركەزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.