تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرايلى

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش، ھەم كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەش ئاساسىدا ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى رولغا ئىگە.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مىقدار» جەھەتتە ئارقا - ئارقىدىن يېڭى ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشىگە، «سۈپەت» جەھەتتە سىجىل يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، بىز «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى داۋاملىق باش تېما قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق.

تەرەققىيات قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالساق، تېخىمۇ ئەلالاشتى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر يېتىلدۈرۈپ زورايتىلدى، كەلگۈسى كەسىپلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دۆلىتىمىزدە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 2020 - يىلىدىكى 270 مىڭدىن كۆپىيىپ 500 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىلغار كەسىپلەر زەنجىرنى ئۇلاپ توپ شەكىللەندۈردى، ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى تېزلىتىلدى.

تەرەققىيات قۇۋۋىتىغا نەزەر سالساق، تېخىمۇ كۈچەيدى. جەمئىي 230دىن ئارتۇق ئالاھىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت ۋە 5G زاۋۇتتىن 1260ى قۇرۇلدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ساھەسىدە دۆلەت ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىدىن 60تىن كۆپرەكى يېتىشتۈرۈلدى ۋە شەكىللەندى، دۆلەت دەرىجىلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا 400دىن ئاشتى ... پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېتەكلەپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورىنى قوزغاتتى.

تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭىگە نەزەر سالساق، تېخىمۇ روشەنلەشتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدا بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى جەمئىي %11.6 تۆۋەنلىدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز توك چىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىدىكى ھەر ئۈچ كىلوۋات سائەت توك ئىچىدە بىر كىلوۋات سائەت يېشىل توك بار... كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىش ماس ئالغا سىلجىتىلدى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى پۇختا، مەزمۇت بولدى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسلىق نىشاندا باش ئورۇنغا قويۇلدى. ھازىر، مەيلى يەنىلا گەۋدىلىك بولغان تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولسۇن ياكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش بولسۇن ۋە ياكى تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى بىزدىن جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى داۋاملىق مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما مۇقەررەر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلمىي يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى بوشلۇقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىدۇ.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار»، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرولۇق ئامىل. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇئەييەن ئەۋزەل شارائىتنى ھازىرلاش شەرت، جەزمەن رېئال مۇمكىنچىلىكنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ئاقىلانە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تاللاش خاراكتېرلىك تۈرتكە بولۇپ، پىلانسىز ئىش كۆرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇشقا يېتەكلەش، بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئۇلۇغ ئىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتى. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تىرەك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرغاندىلا، بىز چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.