تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم ئىزاھاتى، قىلغان مۇھىم سۆزىدە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي نىشان ۋە ئۇزاق مەزگىللىك نىشاننى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى ياخشى ئادا قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.