ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئومۇملۇق ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، «شەبنەم مۇنبىرى» سۇپىسى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ياردەملىشىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، «مەن <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان ئۈچۈن ياخشى تەدبىر كۆرسىتىمەن» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك؛ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ سىياسىي كېڭەشتە جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.






