□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئارقا - ئارقىدىن دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئومۇملۇق ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، بۇ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ «پىروگرامما»سى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئەينەن ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ياخشى تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، لېكسىيە سۆزلەش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىشى، تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىي بولۇش تەلىپىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەم ئۆلۈك كۆچۈرۈپ كېلىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، مەۋھۇملاشتۇرۇۋېتىش، شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، قېيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كەڭ كادىرلار، ئاممىغا يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى چوڭقۇر ياخشى سۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچىنى چىڭىتىشى، روھنى ئۇرغۇتۇشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.






