كۈنجۈت نان، كۈنجۈت يېغى، كۈنجۈت قىيامى...
نۇرغۇن مەززىلىك تائاملار ۋە تەم تەڭشىگۈچتە كۈنجۈت كەم بولسا بولمايدۇ
ئىلگىرى شىنجاڭدا كۈنجۈت تېرىيدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلايتتۇق
لېكىن بۈگۈنكى كۈندە
شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئېتىزلاردا كۈنجۈتنىڭ خۇش پۇرىقى تارالدى
يېقىندا
بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە باش مەيدانىدا
تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ تېرىلغان كۈنجۈتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى
↓↓↓
ئېتىزغا كىرسىڭىز
كۈنجۈت غولىنىڭ راسا تولۇق دان تۇتقان كۈنجۈت باشىقى بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆرىسىز
ئورۇش ماشىنىسىنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ
ئورۇش، دان ئايرىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىر يولدىلا تاماملىنىدۇ
ئىگىلىنىشىچە
بۇ يەردىكى كۈنجۈتنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 200 كىلوگرامغا يېتىدىكەن

شىنجاڭدا
كۈنجۈتنىڭ خۇش پۇرىقى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىگە سىڭىپ كەتكەن:
ئەتكەن چايغا بىر سىقىم كۈنجۈت سېلىش
نان ئۈستىگە بىر قەۋەت كۈنجۈت سېپىش
بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭلىقلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا تونۇش بولغان خۇش پۇراق
پەقەت بىڭتۇەندىلا ئەمەس
ئەمەلىيەتتە ئاقتۇ ناھىيەسىگە تېرىلغان كۈنجۈتمۇ
چېچەكلەپ مېۋە بەردى

ئاقتۇ ناھىيەسى جامالتېرەك يېزىسى باغلا كەنتىدىكى قارا كۈنجۈتنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى.
بۇ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە
بەش مو يەردىكى «گەنجى 7-نومۇر»نىڭ
ھەر موسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 150 كىلوگرامدىن ئاشقان بولۇپ
جياڭشىدا تېرىلغان كۈنجۈتكە سېلىشتۇرغاندا
مەھسۇلات مىقدارى توپتوغرا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى
كېلەر يىلى تېرىلغۇ كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ
تورداشلار بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ: «شىنجاڭدا ئۆستۈرگىلى بولمايدىغان يەنە نېمە بار» دېيىشتى


5

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






