«ئۆيىمىزدە يالغۇز ئاپاملا قالدى
ئۈچ مو يېرىمىز بار ئىدى
قوناقنى يىغىشىپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟...»
يېقىندا، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سىن سۇپىسى ئىنكاس رايونىغا قالدۇرۇلغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى تاپشۇرۇۋالدى
ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرغىنى
تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئوبۇلھەسەن مەتقاسىم ئىدى
خەلق ساقچىسى ئۇنىڭ ئۆيى
قوناق تېرىغان جاي ھەم قوناقنىڭ پىشىش ئەھۋالى
ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن
دەرھال 20دىن ئارتۇق خىزمەتدىشىنى سەپەرۋەر قىلىپ
بىرلىكتە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئېلىپ
ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئارال يېزىسىنىڭ
بەشتوغراق كەنتىگە باردى
سۈرەتتە: ياردەمچى ساقچى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاپىسى زۇلەيخان ئەخمەتكە ياردەملىشىپ قوناق توشۇماقتا.
ئېتىز بېشىدا خەلق ساقچىلىرى
ياردەمچى ساقچىلارنىڭ بەزىلىرى قوناق ئورۇسا
بەزىلىرى قوناق توشۇدى
يەنە بەزىلىرى دان ئايرىشقا ياردەملەشتى
كۆپچىلىك تەرىنىڭ ساقچى فورمىسىنى ھۆل قىلىۋەتكىنىگە قارىماي
غەيرەتكە كېلىپ، ئۈچ مو يەردىكى قوناقنىڭ ھەممىسىنى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن
ئوبۇلھەسەن مەتقاسىمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى
ئوبۇلھەسەن مەتقاسىمنىڭ ئاپىسى زۇلەيخان ئەخمەت
رەتلىك يېيىلغان قوناققا قاراپ
ھاياجانلانغان ھالدا ياردەمچى ساقچىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئارقا ـ ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى
ساقچىلارمۇ ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرغان ئوقۇغۇچىغا تېلېفون قىلىپ
«بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىڭىزدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا
بىز ھەر ۋاقىت كېلىپ ياردەم قىلىمىز
سىز ئۇ يەردە ئەنسىرىمەي خاتىرجەم ئوقۇڭ» دېدى
بۇنىڭدىن سىرت، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە
شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى
تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ
ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ ھوسۇلنى «جىددىي يىغىۋېلىشى»غا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى
كۆك رەڭلىك ساقچى فورمىسى كىيگەن ساقچىلار مول ھوسۇلنى قوغدىدى
بۇ قىزغىن ساقچى يولداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز!
«شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






