− شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئەمدىلا غەلىبىلىك يېپىلغان پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بىر قاتار مۇھىم نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئومۇمىي يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگىنىپ، تېزدىن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى چۆرىدەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.
«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لېي خەيجۈن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشەنچلىك ئىستاتىستىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستاتىستىكىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.
«پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ خەييەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن ماقۇللىغان «تەكلىپ»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى مالىيە كىرىم - چىقىمىنى باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتە راۋان، سىرتقا تۇتاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قاتناش تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن قاتناش - تىرانسپورت بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ياخشى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سۇ بايلىقى تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. «<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتىدىغان سۇنى ئىدارە قىلىش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پىلانلاش - پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ يى مۇنداق دېدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل»لىق سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۇتقا قىلىپ، داۋاملىق تۈردە سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىجىل تۈردە تورنى تۇتاشتۇرۇپ، تورنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يىنباۋ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ھېس قىلدى. «دۆلەتنىڭ بىيوسورت يېتىشتۈرۈش مەخسۇس تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق، كارخانىمىز كۆپلىگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك سورتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ، <ئۇرۇقلۇق سېتىش>تىن <يېڭى سورت يارىتىش>قىچە بولغان تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا بىلەن كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پاختا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز».
(مۇخبىر لۇ فېڭباۋ، قاتناشقان مۇخبىرلار رەن خۇ، كاڭ خاۋيەن، شيې خۇيبيەن، ما يىنىڭ، گاۋ فېڭ)






