تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

​− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۆنىلىش توغرا، نىشان ئايدىڭ، يول ئېنىق بولدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسلىق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشنى ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك. ئومۇمىي يىغىندا مەۋقە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىسى ۋە باسقۇچلۇق تەلەپكە قويۇلۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ئىلمىي دەلىللەش ئاساسىدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى يەتتە جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدى.

يېتەكچى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسلىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيە ۋە «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى نامايان قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يەردە نۇقتىلىق ھالدا «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولغانلىقىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق، نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق. ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىشتىن، سىرتنىڭ چەكلەش، بېسىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقىچە، يەنە بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بازار ئىشەنچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇشقىچە... يول بويى قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

«پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاندىن پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ، گۈللەپ ياشنايدۇ»، بۇ، تارىخ ۋە ئەمەلىيەت چىقارغان يەكۈن. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئامىللار كۆپىيىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، سىياسەت بەلگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

«سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ئاچقۇچلۇقى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش». دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل شۇكى، بىز ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇردۇق، ھەم سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردۇق. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش دەل ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى.

بازار ئەڭ كەمچىل بايلىق، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار دۆلىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى. قانداق قىلغاندا بۇ ئەۋزەللىكنى سىجىل زورايتقىلى بولىدۇ؟ «شەكىلسىز قول» بىلەن «شەكىللىك قول»نى بىرلەشتۈرۈش مۇھىم يول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارنىڭ كۆپ خىللاشقان تەمىناتى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ھەم ئەمەلىي مەبلەغ بىلەن قوللىشى ئارقىلىق، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەت ماسلىشىپ كۈچەشنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى قانچە قېلىپلاشسا، بازارنىڭ رولى شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى چىقىرىشتىن يېڭىلاپ ئېلان قىلغان 5 - نۇسخىدىكى بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىگىچە؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى مەركەزلىك ئېنىقلاشتىن، يېڭىدىن چىقارغان سىياسەت بىلەن ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشقىچە... مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن پايدىلىق ئامىل ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئاچقۇچلۇقى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ۋاقىت كۆزنىكىنى تۇتۇپ، ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، «ئىككى قول»دىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىل ئىقتىساد، ئىناۋەتلىك ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

مىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، يەنە تاغلاردىن ئېشىشىمىزغا، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم يېڭى مۇساپىدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.