تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يەكەن ناھىيەسىدە 4800 مو بېھىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

   مەنبەسى: يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   يېقىندا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسىدا 4800 مو يەردىكى بېھىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ يېزىنىڭ ئوغلان كەنتىدىكى تېرىقچىلىق بازىسىدا، ئالما شەكلىدىكى ئالتۇن رەڭلىك بېھىلار شاخلارغا غۇچچىدە ئېسىلغان بولۇپ، قويۇق مېۋە ھىدى ئەتراپنى قاپلىغانىدى. ئىشقۇل يېزىسى بېھى كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈپ، باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، باغۋەنلەرنىڭ ئۆلچەملىك تېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. (يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى نۇردۇنجان نۇرەخمەت، ۋاڭ شىشىن)

باغۋەنلەر بېھى دەرەخلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، پىشقا مېۋىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئۈزمەكتە.

باغۋەنلەر يىغقان بېھىلار «توردا + تور سىرتىدا» شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.