− شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى، بۇ، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زوۋ لىڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت خىزمىتى ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ھەسەنجان ھېيتاخۇن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىمىز.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى.
«ئومۇمىي يىغىن كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مەركەز بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە تۈزۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. شىنجاڭ جىنرۇن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ خاۋخەن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ «ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش» تەلىپىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە قارىتىلغان سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زورايتىپ، «پەن - تېخنىكا − كەسىپ − پۇل مۇئامىلە»نىڭ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەۋپ - خەتەر تۆۋەن چېكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ باۋجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تاللاپ تەيىنلەش، باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىمىز؛ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى تەلىپىنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئومۇمىي يىغىندا «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ جېڭۋېيسى ئالىمجان ئابدۇراخمان مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر، بۇرچىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پورتلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش بىلەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئاقىل چېگرا تەكشۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان دۆلەت دەرۋازىسى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەيمىز.
«غەربىي چېگرادىكى بىرىنچى قاراۋۇلخانا» شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنى سىمخانا چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر «يىلتىز تارتىش دەرىخى» تۈۋىگە كېلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ ليەننىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى جىڭ ليۇۋېي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈشتىكى ئىرادىگە ۋە غەيرەتكە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، بۇرچ، مۇھىم ۋەزىپىنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىز بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدايمىز.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار يەن شياۋتيەن، شيې خۇيبيەن، ما يىنىڭ، جەزىرە نېسىپبېك، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چاڭ جېڭشياۋ، ليۇ چېڭ، چېن بىن)






