− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان.» پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يول ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.
داۋاملىق كۈرەش قىلىش، بۇ، يېڭى مۇساپىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما.
قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرى دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ «ئىككى چوڭ مۆجىزە» يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، دەل پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە توسالغۇسىز ئىلگىرىلەيدىغان گۈللىنىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تايىنىپ، ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا بولغان كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك.
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر چەت ئەل رەھبىرى ماڭا جۇڭگو بىر چوڭ ئەۋزەللىككە ئىگە، سىلەر ھەمىشە تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى تۈزىسىلەر، شۇنداقلا تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى ھەمىشە ئىشقا ئاشۇرالايسىلەر، دېگەنىدى.» «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمىز، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمىز تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بۇ يىل 140 تىرىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، «14 - بەش يىل»دىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا غەلىبىلىك تاماملىنىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭى مۇساپىنى باشلىدۇق، پۇرسەت يېتىپ كەلدى، ۋەزىيەت پىشىپ يېتىلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە دائىر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ دەل كۈچ توپلاپ، قۇۋۋەت مۇجەسسەملەپ، يۈزلىنىشنى كۆزلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر.
ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى، بۇ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ ئورنى مۇھىم. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «14 - بەش يىل» مەزگىلى بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، پۇختا ئاساس سېلىنىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بۇ ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىسى چىقىش قىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي پىكىر يولى، زور پىرىنسىپ، ئاساسىي نىشان، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە، ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىزچىللىق ساقلاندى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى دەل جايىدا ئىگىلەندى، بۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە. بۇ مۇھىم ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەت داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش. ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار كۆپەيگەن مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە شۇنچە ماھىر بولۇپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولماقتا. «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتى، يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور سىياسىي ۋەزىپىسى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ھۆكۈم ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)






