تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، گاۋ لېي

ھەر قېتىم تارىخنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھامان ياڭراق بۇرغا چالىدۇ.

2025 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلدى.

ۋاقىت سان ئۆزگىرىشى داۋامىدا سۈپەت ئۆزگىرىشىنى جۇغلايدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى −

«بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەت داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇشتا، تارىخنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىكىدىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان بىر يولداش ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى بىز <ۋەتەن ئۈچۈن، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن> دەپ چاقىرىق قىلغاندا، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خېلى يىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدۇق. ھازىر قارىساق، زامانىۋىلاشتۇرۇش كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ! بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا پەقەت ئون يىللا ۋاقىت قالدى. بۇ خىل ھاياجانلىنىش ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

زامانىۋىلاشتۇرۇش نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ھارماي - تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش ئارزۇسى.

2025 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى غەلىبە خاتىرە كۈنىدىكى داغدۇغىلىق مەنزىرە ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا، گۈللەنگەن جۇڭخۇا خۇددى سىز ئارزۇ قىلغاندەك مەردانە ۋە كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ئەينى يىللاردىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە، دۆلەت ئار - نومۇستا قالغان، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قونغان كۈنلەردە، بەزى ئالىملار ئېچىنغان ھالدا مۇنداق سوئال قويغان: «جۇڭگولۇقلار يېقىنقى زامانلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟»

يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى، كىشىنى ھاياجانغا سالدى!

«1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى.» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە غەيرىتىدىن ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى.

ھەربىر «بەش يىل»دا، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئارقىسىدا، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت غەيرەت بار، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ بار.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. زامانىۋىلاشتۇرۇش تىلغا ئېلىنغاندا، باش شۇجى ئۆتكەن بىر ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينى يىلى مەن يېزىغا بارغاندا، شۇ جايدىكى <زىيالىي>لار مەن تۇرۇۋاتقان جايغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەپ، <بىز بۇنىڭدىن كېيىن زامانىۋىلاشساق، ھەممە نەرسە باشقىچە بولىدۇ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئاستىنقى قەۋەتكىچە ئېلېكتىر چىراغ، تېلېفون ئورنىتىلىدۇ، مانتا، بەنشىر، ئىنچىكە توغرالغان گۆش، ياپىلاق توغرالغان گۆش يەيمىز> دېگەنىدى».

ئىلگىرى يەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان ئارزۇ بۈگۈنكى كۈندە ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ كۈندىلىك قايناق تۇرمۇشىغا ئايلاندى. بۇ خىل ئۆزگىرىش بىردەمدىلا قولغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئاز - ئازدىن يىغىلىپ توپلانغان.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندە، «ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى ھەم مۇنداق خۇلاسىلەندى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملە ناھايىتى ۋەزىنلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا بوران - چاپقۇنغا قارىماي تاشلانغان پۇختا قەدەملەر ئويۇلغان. «بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ ئىش».

بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇشتا، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن كۈرەش نىشانىنى بېكىتىش، نىشاننى بېكىتىپ ئىزچىل ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش پارتىيەمىزنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان بولۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تۇنجى 15 يىلى بولۇپ، تۇنجى بەش يىلدا «پۇختا ئاساس سېلىندى».

كەلگۈسى ئون يىلدا، دەسلەپكى بەش يىلدىكى تەرەققىيات ياخشى بولسا، بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، جەزمەن بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىش، ئېنىق بېكىتكەن ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، كۆپ ئىشلىگىلى بولسا كۆپرەك ئىشلەش كېرەك.

تارىخ ھەرگىزمۇ تەكشى سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەيدۇ، پۇرسەت ھەمىشە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

«دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى» مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە كېڭىيىۋاتقاندا، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۇنيا ئومۇمىيىتىمۇ مىسلىسىز دەرىجىدە گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مۇھىم ھۆكۈم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى: «چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش دۆلەت ئىچى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار كۆپەيگەن مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ».

دەۋر يۆنىلىشى كۈرەش يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ: «<15 - بەش يىل> مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل».

ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە پۇرسەت مۇجەسسەملەنگەن، خىرىس كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدۇ. بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچكە تولغانىدى: «ئارزۇ ۋە خىرىس بىزنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ».

كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق.

ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنى تەپسىلىي ئوقۇساق، « تېزلىتىش» دېگەن سۆز كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ: «ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش» «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش» «ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش»...

بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلاردا ھەم تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە ئۇللۇق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەرگە بىۋاسىتە قارىتىلىپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، تارىخ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش»تەك كۈرەش روھى نامايان قىلىندى.

بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇشتا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش شەرت.

ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش جەريانى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى بولدى.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەقىل - پاراسەت بۇ جايدا ئۇچرىشىپ ئالماشتۇرۇلدى، ئورتاق تونۇش بۇ جايدا يەنىمۇ مۇجەسسەملەندى.

مۇزاكىرىگە يەنە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي قىسىم رايوندىن كەلگەن يېزا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى بار، شەھەرلەردىكى ئاھالىلەر ئاممىسىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلىدىغان مەھەللە خىزمەتچىلىرى بار، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە ئىرادە باغلىغان پەن تەتقىقات خادىملىرى بار، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرىدىغان تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى بار...

سىرتتىن قاتناشقان بىر ۋەكىل ئادەتتە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلاتتى، ئۇ تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «تەكلىپ نۇسخىسىدا تولۇپ تاشقان خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى بار، ئۇنىڭدا <يۇقىرى قاتلاملىق ئىشلار> سۆزلەنگەن، <ئاساسىي قاتلام كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار>غا باش قاتۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى سۈرەتلەنگەن».

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى، خەلق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدە.» بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىدە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تور ئەھلىنىڭ جەمئىي 3 مىليون 113 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپى تاپشۇرۇۋېلىندى. خەلق رايىنىڭ تارام - تارام ئېقىنلىرى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىغا قوشۇلدى.

تەخمىنەن 20 مىڭ خەتلىك يىرىك پىلان تەكلىپىنى ئېچىپ كۆرسەك، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن: مۇقەددىمىسىدىكى يېتەكچى فاڭجېندا «ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىدا «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» تەكىتلەنگەن؛ ئاخىرىدا «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» دەپ چاقىرىق قىلىنغان...

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

تارىخىي تەرەققىيات دولقۇنىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، يول داغدام. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىككى كۆرۈنۈشىنى تۇتاشتۇرۇپ قارىساق، ئۇنىڭ مەنىسى تېخىمۇ چوڭقۇر −

1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپتىكى تامدىكى غايەت زور رەسىم بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى: بىر تەرەپتىكىسىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان تاغ - دەريالارنىڭ مەنزىرىسى بار، يەنە بىر تەرەپتىكىسىدە تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تەيخاڭنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بار؛

2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن خەلق سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ياڭرىدى. تونۇش ناخشا تېكىستى كوممۇنىستلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى: «بىرلىشەيلى، ئەتىگە، ئىنتېرناتسىيونال چوقۇم ئاشىدۇ ئەمەلگە...»

ۋاقىت ئەڭ ئوبيېكتىپ خاتىرىلىگۈچى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ قەلەم تەۋرەتكۈچى. ۋاقىت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرنىڭ قولىدا. بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.