تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش

​− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي   خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، چېن شىخەن

دەۋر قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، تارىخ داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېڭى سەھىپە پۈتتى. 2025 - يىلى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە قويۇق رەڭدار ئىز قالدۇرۇلدى.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

بۇ، يېڭى دەۋردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزگەن ئۈچىنچى بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپ، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدىكى تۇنجى بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپ.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك، كەڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، سىستېمىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئارقىلىق، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىدىغان مەردانە خىتابنامىنى چىقاردى.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، داۋاملىق كۈرەش قىلىش −

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان»

نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسى بۈگۈنكى جۇڭگودا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. «1 - بەش يىل»دىن «14 - بەش يىل»غىچە، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ كۈرەش قىلدى، ھازىر، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت ئون يىللا ۋاقتىمىز بار.

+ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان تۈزۈپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى.

دۇنيانىڭ شەرقىدە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى زور زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى قانداق ئۇلۇغۋار پىلاننى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ؟ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرى بەس - بەستە مۇنداق باھا بەردى: «بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىتىنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم.» «جۇڭگو بىر خىل پۇختا، ئەمەلىي تەرەققىيات مەنزىلىنى قايتا تەكىتلەيدۇ، دەل مۇشۇنداق مەنزىل ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ئېنىقسىزلىق تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا تىرەك بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.» «بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۇنىڭ نەزەرىنى قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشتىن ھالقىتتى».

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ يىغىن زالى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، بۇلتۇردىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى: «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئالدىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدا ۋە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5، %5.2كە يەتتى».

ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغان كۈنى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ئۈچ پەسىللىك دوكلاتى» سىرتقا ئېلان قىلىندى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى.

بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدىن بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغىچە، ئىككى قېتىملىق ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتىكى «ئاچقۇچلۇق پەيتتە ھەرىكەت قوللىنىش» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈشكە يېتەكلەش جاسارىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئۆتكەن بۇ بەش يىلغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن بوران - چاپقۇن، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدۇق، بوران - چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايدۇق.

جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەنلىك پەللىدىن ھالقىپ ئۆتتى، 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرى 140 تىرىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىش مۆلچەرلەندى؛ دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپى 10 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ تېز ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئىككى يىل 13 مىڭ دوللاردىن ئاشتى...

ئىشنى باشتىن كەچۈرمىگۈچە قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ نەتىجىلەر ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان ئەھۋالدا قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا قولغا كەلتۈرۈلدى.

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى.» «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» تەكلىپ نۇسخىسىدىكى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدىكى خۇلاسە ۋە ھۆكۈم يىغىنغا قاتناشقان يولداشلاردا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»دىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر سانلىق مەلۇماتلاردا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە كەڭ ئاممىنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى، جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە بولغان بىۋاسىتە تەسىراتىدا ئىپادىلەندى.

«ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى» − بۇ سۆزدىن ساھىلدىن ئۆتۈشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى، داۋانغا يامىشىشنىڭ مۇشەققەتلىكىنى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادا، دۆلىتىمىزدە باشتىن - ئاخىر بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل بولۇش نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش» يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشتىكى تۈپ سىياسىي كاپالەت.

تارىخىي تەرەققىيات ئىزچىل بولۇش بىلەن باسقۇچلۇق بولۇشنىڭ بىرلىكى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «14 - بەش يىل» «15 - بەش يىل» «16 - بەش يىل»دىن ئىبارەت ئۈچ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ئارقىلىق تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن كۈرەش نىشانىنى بېكىتىش، نىشاننى بېكىتىپ ئىزچىل ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش پارتىيەمىزنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان بولۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىدە تۇرغاندا، ھەربىر مۇھىم كوردىنات كىشىگە كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، يۆنىلىش تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بولغاندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى تاماملىنىدۇ.

ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئۆلچىمىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «<14 - بەش يىل> مەزگىلى بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، پۇختا ئاساس سېلىنىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. <15 - بەش يىل> مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، 2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن».

«ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەش» − بۇ سۆزدىن «15 - بەش يىل»نىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم بۇرچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تەكلىپ نۇسخىسىدا دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىگىلىنىپ، مەۋقە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىل ئۈچۈن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلۈپتۇ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، ھەيۋەتلىك قىياپەتتىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپتۇ، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇش، سىستېمىلىق پىلانلاش −

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

تەخمىنەن 20 مىڭ خەتلىك بىر پارچە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ئالدىغا قويۇلغاندا، يىغىنغا قاتناشقان ھەربىر يولداش ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى.

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەكلىپ نۇسخىسىغا سىڭدۈرۈلگەن «تۇتقا» ۋە «جان».

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېنىق يۆنىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى؛ شەرقىي شىمال، گۇيجوۋ، يۈننەن، خېنەن، سەنشى، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇش ياكى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا توردا پىكىر - تەكلىپ ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى؛ كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەكلىپ نۇسخىسىنى قاراپ چىقتى، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى...

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق قوبۇل قىلدى، بۇ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى.

«يولداشلار، <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان <تەكلىپ>ىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى ياخشى ئېچىپ، <تەكلىپ> نۇسخىسىغا ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈشىمىز كېرەك». ئومۇمىي يىغىننىڭ 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تاپىلىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ھۆججەتنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقانلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىككى ئومۇمىيەت گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا پىلانلاش كېرەك.

تەكلىپ نۇسخىسىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش تەھلىل قىلىندى −

«چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش دۆلەت ئىچى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار كۆپەيگەن مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ».

ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە پۇرسەت مۇجەسسەملەنگەن، خىرىس كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىش ئىنتايىن مۇھىم، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ئىنتايىن مۇھىم.

ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، خەۋپ - خەتەر بىلەن پۇرسەتنى ئىگىلەپ، تۇرغۇزۇش بىلەن بىكار قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچى بىلەن دۆلەت سىرتىنى تۇتاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەت داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

تەكلىپ نۇسخىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، پۈتۈن تەكلىپ 15 قىسىم، 61 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان.

باش تېمىسى ئىنتايىن روشەن − «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، تەكلىپ نۇسخىسىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق ھالدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان.

تەرەققىيات چىڭ داۋلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۇختا ماددىي ئاساس، تېخنىكا ئاساسى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ».

نىشان ئىنتايىن ئايدىڭ − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.

تەكلىپ نۇسخىسىدىكى مۇنداق بىر بايان كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ: 2035 - يىلىغا بارغاندا «كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ.» بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ − كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، بۇ، <15 - بەش يىل> مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇۋاپىق سۈرئەتنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ».

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سالمىقى ئىنتايىن ئېغىر − كەسىپ تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى بازار، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايون تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە چېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان.

«زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» تارماق باياننىڭ 1 - قىسمىغا قويۇلغان بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، خېنەننىڭ لوياڭدا ئوققازان ياسىمىچىلىق كارخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشتىن، سەنشىنىڭ ياڭچۈەندە كىلاپان ياسىمىچىلىق كارخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ياسىمىچىلىقنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك» «ئوقەتچىلىك دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ.» چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭلۇقىدا جەزمەن چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، جەزمەن تەرەققىياتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىغا قويۇشىمىز كېرەك.

ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۈپىتى ناھايىتى يېتەرلىك − ھەم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، تۈرلۈك ساھە - كەسىپلەرگە ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇش قاتارلىق يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلار بار، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق يېڭى تەلەپلەر بار بولۇپ، بۇ، تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ يېڭى سەھىپىسى.

شاڭخەيدىكى ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق ئەسكەرتتى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇئەييەن ئەۋزەل شارائىتنى ھازىرلاش شەرت، رېئال مۈمكىنچىلىكنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك، <تەكلىپ> نۇسخىسىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلەشنىڭ ئۆزى دەل كۆپچىلىكنى خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ئاقىلانە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، پىلانسىز ئىش كۆرۈشتىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان».

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. «14 - بەش يىل»نى پىلانلىغاندا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ھۆججىتىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش تۇنجى قېتىم ئۇزاق مەزگىللىك نىشان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «<تەكلىپ> نۇسخىسىدىكى يېتەكچى ئىدىيەدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك دەپ گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ، <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئومۇمىي خاراكتېرلىك تەلەپ».

بۇ قېتىمقى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن بىر يولداش ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلققە رىشتە باغلايدىغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان خەلقچىللىق ھېسسىياتى ۋە ئەمەلىي ئىستىلىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، تەكلىپ نۇسخىسىدا تولۇپ تاشقان خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى بار، ئۇنىڭدا سۆزلەنگىنى «يۇقىرى قاتلاملىق ئىشلار»، باش قاتۇرۇلغىنى «ئاساسىي قاتلام كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار» بولۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەربىر كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى سۈرەتلەنگەن.

ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئىلگىرىلەش −

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك»

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى.

رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى كۆزنى چاقنىتىپ، يەنە بىر تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ماقۇللاندى.

«ماقۇللاندى!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋازى پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە سالدى، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىشنى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشى تەشكىللەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل بولغان قالتىس ئىش. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۇلۇغۋار پىلاندا ئاچقۇچ ۋە پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

«<تەكلىپ>تە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا زور يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى» «بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ناھايىتى كۈچلۈك ئالدىن كۆرەرلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، پۈتۈن پارتىيە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسى، نىشان تەلىپى، مۇھىم تەدبىرى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك − قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، «تەكلىپ»تە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۈرلۈك ئىشلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ» «بىزنىڭ ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالساق بولمايدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى: «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، <پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات> بولۇشتا ئۇرۇقنى ياخشى بېسىشى كېرەك. <پىئانىنو چېلىش>قا ماھىر بولۇپ، بىر ساھەنى پىلانلاشتا بىر پۈتۈنلۈكنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە سەل قارىماسلىقى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەتتىكىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاپ، تار مەھكىمىچىلىك، يەرلىك قورۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك».

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئۆيلىنىش، تۇغۇت، يەسلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك».

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. «ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە شۇنچە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك».

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش، بۇ، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يادرولۇق شىفىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ «ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ»دىن «توسۇۋالغىلى بولمايدۇ»غا ئۆتۈشىنىڭ تۈپ ئاساسى.

«پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات شۇنچە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر، ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات زىچ باغلىنىشلىق، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلق رايى، خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشقىلى بولىدۇ».

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا نۇرغۇن رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ۋە ماقۇللىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادە نامايان قىلىندى.

«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولمىساق، ئېغىر خەۋپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. <چۆكسىمۇ گەر بىر قېيىق، تىنىم تاپماي يۈرگەي مىڭى، يىقىلسا گەر بىر دەرەخ، كۆكلەر يەنە تۈمەن مىڭى>.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي بولۇپ، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلىك دېلولىرىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا ھېچقانداق يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك، ھەرقانداق ئادەم تەلەي سىناش ئويىدا بولماسلىقى، خام خىيالدا بولماسلىقى كېرەك».

تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىن غەلىبىلىك يېپىلدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» خەلق سارىيىدا ياڭراپ، تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى.

130 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: ئۆز مەقسىتىنى بىلىدىغان، بۇ مەقسەتكە قانداق يېتىشنىمۇ بىلىدىغان پارتىيە، بۇ مەقسەتكە يېتىشنى ھەقىقىي ئويلايدىغان ھەمدە بۇ مەقسەتكە يېتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قەيسەر روھقا ئىگە پارتىيە − بۇنداق پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۈگۈن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدا مۇنداق مۇستەھكەم ئىشەنچ بار: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى بار، يىرىك پىلانى بار، ئىستراتېگىيەسى بار، چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.