− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بىرىنچى ۋاقىتتا ئاڭلىدى، كۆردى، ئەستايىدىل ئۆگەندى، ھەسسىلەپ روھلاندى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. «15 - بەش يىل»نىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىمىز.
«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى. زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى ۋۇ جۈەن مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئومۇمىي يىغىن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى تۇرغۇزۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ يىرىك پىلاندىكى ئۇلۇغۋار نىشاننى رېئال مەنزىرىگە ئايلاندۇرىمىز.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن ماقۇللىغان <تەكلىپ>تە ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.» قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئىبراھىم كىچىك قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى ئۇقۇم، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ قومۇل شەھىرىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۈزۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. قومۇلنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئايلاندۇرۇپ، قومۇل خاسلىقىغا باي زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.
ئومۇمىي يىغىن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ شىنلى زىممىسىدىكى بۇرچنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى بىخەتەرلىك تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، بالىلار پاراۋانلىقى قاتارلىق مۇلازىمەت تەمىناتىنىڭ مەنپەئەتلەندۈرۈشچانلىقى، ئادىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئىشلىرى ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولىمىز.
ئومۇمىي يىغىن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. «چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.» ئالاتاۋ تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى ۋۇ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئاقىل تاموژنا» قۇرۇلۇشى، «ئاقىل تاموژنا كۈچلۈك دۆلىتى» ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە سودىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ فەن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ «پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورايتىپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قازىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» «ساياھەت + تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش» «ساياھەت + ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى بېيىتىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.
شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ شۇشيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى دىققەتنى ئومۇمىي يىغىن ئوتتۇرىغا قويغان «دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش» تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.
ئومۇمىي يىغىن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. خوتەن شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلىز ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۈزەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۈزەش، كۆكەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كۆكەرتىش»نى نىشان قىلىپ، خوتەن شەھىرىنىڭ ئاقچال يېزىسىدىكى 8000 مو قۇم بارخانلىرىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەيمىز.
(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي يۇڭگۇي، گو لىڭ، چېن چياڭۋېي، پەرىزات ئابدۇل، لى لىن، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر لى بىن)






