− يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا توختالدى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، جاڭ يەن
يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان پىلانلاندى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.
يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم يولداشلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئومۇمىي يىغىندا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپتۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپتۇ، بۇ، مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن ماقۇللىغان «تەكلىپ»تە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
«<15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، باسقۇچ، قەدەم بويىچە <ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئاساسنى كۈچلۈك مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى جېڭ شەنجيې.
«14 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى يېڭى دەۋر يول باشلىغۇچىسىنىڭ رول تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
«دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسى ۋە تۈرلۈك زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ھەربىر مەيدان چوڭ جەڭ، قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىپ، بىر قاتار چوڭ ئىش، قىيىن ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا باشتىن - ئاخىر <بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل> بولۇش نامايان بولۇپ كەلدى، بۇ، ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شىن چاڭشىڭ.
شىن چاڭشىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. «بىز <ئىككىنى تىكلەش>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن <ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى> بولغان يېڭى جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز».
نىشان يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، يول، ئۇسۇل ئېنىق چۈشەندۈرۈلدى، ئومۇمىي يىغىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.
مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «تەكلىپ»تە «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىسى ۋە باسقۇچلۇق تەلىپى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق قاراش، قانداق قىلىش كېرەك دېگەن مۇھىم مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپتۇ. ۋەزىپە - نىشاندا سۈپەت بىلەن مىقدار بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۈپەت تەلىپى ئاساس قىلىنىپ، مىقدارنى بېكىتىش تەلىپى مۇجەسسەملىنىپتۇ؛ تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۇتقا تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلار يۈرۈشتۈرۈلۈپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشكە تۈرتكە بولىدىغان سىستېمىلىق تەپەككۇر نامايان قىلىنىپتۇ.
ليۇ نىڭ مۇنداق دېدى: «<تەكلىپ>تە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئىچكى بازار قۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇلۇپتۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خېنەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا سىڭىشىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر سۈپىتىدە تۇتتى، كېيىنكى قەدەمدە خېنەن بوغۇق نۇقتىلارنى بۇزۇپ تاشلاش، كۈچلۈك تۇتاشتۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ئايلانما تۈگۈنى قۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى بازاردىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش تىرەك نۇقتىسى بەرپا قىلىدۇ».
ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچ.
مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن خېجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «تەكلىپ»تە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە مەخسۇس باب قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش ۋە قۇۋۋەت قوشۇش كۈچەيتىلىپتۇ، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
«<15 - بەش يىل> مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تارىخىي پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدە قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا رىقابىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەيمىز» دېدى يىن خېجۈن.
ھەرقايسى جايلار «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاشتا، «بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس ماركا يارىتىش» تەلىپىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتكەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقالايدۇ.
مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ لىن مۇنداق بىلدۈردى: گۇيجوۋ ئومۇمىي يىغىن روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ شەرقىي قىسىمدىن پەرقلىنىدىغان، غەربىي قىسىمدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۇيجوۋنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.
«گۇيجوۋ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈچ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئەلالاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، <باغچە ئۆلكە> دېگەن گۈزەل نام ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق، خېرىدار مەنبەسى، مۇلازىمەتنى چۆرىدەپ كۈچ چىقىرىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيەنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <مول كان بايلىقىنى تۈجۈپىلەپ ئېچىش>نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيە، قېزىلما بايلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، خاسلىققا ئىگە ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىپ، مارجاندىن زەنجىر ھاسىل قىلىدۇ» دېدى شۈ لىن.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىلانلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا يەنە يولغا چىقىپ، يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىش داۋامىدا تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ.
«يېشىل تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى. ئومۇمىي يىغىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئالدىدا ماڭىمىز، ئۈلگە بولىمىز» دېدى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ زۇيى.
جوۋ زۇيى مۇنداق بىلدۈردى: فۇجيەن نۇقتىلىق ھالدا ئۈچ ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، يەنى «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئىشىنى چىڭ كۆزلەپ ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ھەمكارلىشىپ تۈزەش» ئىشىنى چىڭ كۆزلەپ ياخشى ئىشلەپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز - ئوكيانغىچە قوغداش، تۈزەش چوڭ ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، «تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات» ئىشىنى چىڭ كۆزلەپ ياخشى ئىشلەپ، فۇجيەن خاسلىقىغا ئىگە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى مەڭگۈ فۇجيەننىڭ پەخرىگە ئايلاندۇرىدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم ئاساس. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىغاندىلا، ئاندىن بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
«خەلق ئارمىيەسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، شى جۇشى ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئۆزگىرىشكە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرتىپكە سېلىش، تەلىم - تەربىيە، تۈزەش جەريانىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلاندى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى» دېدى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى سۈي يۈجۇڭ.
سۈي يۈجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: دېڭىز ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئارمىيە تۈرى بولۇش سۈپىتىدە، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، شى جۇشىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈز يىللىق نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش، تەلىم - تەربىيەنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، دېڭىز ئۈستى ھەيۋە كۈچى ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، شى جۇشىغا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.
پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي رېڭى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىل، شەنشى ئۆلكىسى تۇڭچۇەن شەھىرى ياۋجوۋ رايونى شىگۇجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خاۋ چۇنشيا مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن تۇرۇۋاتقان شىگۇجۇاڭ كەنتى ئىلگىرى نامرات تاغلىق كەنت ئىدى، ھازىر يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى، تۇتاش كەتكەن قاتار - قاتار يېڭى ئۆيلەر سېلىندى، بۇ مەزگىلدە تاغ باغرىدا قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار بار. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئىجتىھات بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى».
«ئومۇمىي يىغىندا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىندى، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى خىزمەتلەر ناھايىتى ئىنچىكە، ناھايىتى ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇنىڭغا دېھقانلارغا بولغان قويۇق ھېسسىيات مۇجەسسەملىنىپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدكە تولدۇق ۋە غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى.» خاۋ چۇنشيا مۇنداق بىلدۈردى: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن چوقۇم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)






