جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى"> جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى">
تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش. 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە دائىر مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئومۇمىي يىغىننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى. «تەكلىپ»تە نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى، سىستېمىلىق تەپەككۇردە چىڭ تۇرۇلدى، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇلدى، يېتەكچى فاڭجېن ئىلمىي، دەل جايىدا، ئاساسلىق نىشان ئېنىق، ئايدىڭ، ۋەزىپە - تەدبىرلەر راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولدى. بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلدى، بۇ، مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كۈرەش باش تېمىسى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە ۋە تولىمۇ ئۆزگىچە بولغان تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، چىگىش، مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇردۇق، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، «14 - بەش يىل»دىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا غەلىبىلىك تاماملىنىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، بۇ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈم. پۈتۈن پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇننىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دادىل يۈزلىنىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى بېكىتىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىسى ۋە باسقۇچ خاراكتېرلىك تەلەپلەر ئىگىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئومۇمىي يىغىندا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش باش ئورۇنغا قويۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپلارنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش. ئومۇمىي يىغىندا سۈرەتلەنگەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئويلىشى، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.