تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار كىملىكنى تېز بېجىرىڭلار!

2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن

10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ئاخىرلاشقىچە

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى

ساقچىخانا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالى

ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنى ئالدىن كەسىپ بېجىرىپ بېرىش، كىنىشكىنى تېز سۈرئەتتە ياساش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن

كىملىك بېجىرىش «يېشىل يول»ىنى بىرتۇتاش ئېچىۋەتتى

ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ «غەم-ئەندىشىسىز كىنىشكا بېجىرىش»ىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

   مەخسۇس كۆزنەك مۇلازىمىتى: ھەرقايسى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىگە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بەلگە ئورنىتىلدى، مەكتەپ ئىسپاتى ياكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇچۇر جەدۋىلى بار ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار «ئالدىن كەسىپ بېجىرىش، ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئالدىن يوللاش، ئالدىن كىنىشكا ياساش» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

   يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش: كىملىكنى «مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش» «شىنجاڭ بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش» «شەھەر بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىش» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېقىن ئەتراپتىكى كەسىپ بېجىرىش نۇقتىسىنى تاللاپ بېجىرسە بولىدۇ.

   جىددىي بېجىرىش يولى: ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا ئائىت بارلىق كىنىشكا بېجىرىش كەسپى ئاپتوماتىك ھالدا جىددىي بېجىرىش پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىنىشكا ياساش ۋاقتى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن كىنىشكا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

   خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ كەسپ بېجىرىش: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش مەركەزلەشكەن مەزگىلدە، ھەرقايسى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرى خىزمەت كۈنىدە خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە ھەپتە ئاخىرىدا ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كىنىشكا بېجىرىش ئېھتىياجىنى ھەرىكەتچان قاندۇرىدۇ.

   بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش: ماتېرىيال تولۇق تەمىنلەنگەن ئىلتىماس بىردەك نەق مەيداندا بېجىرىپ بولۇنىدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەكرار قاترىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

   نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى شۆبە (ناھىيە) ئىدارىلىرىدىكى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترەتلىرى مەخسۇس ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تەۋەلىكتىكى مائارىپ ئىدارىسى ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىنىشكا بېجىرمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلىمەكتە.

   كىنىشكا بېجىرىش ئېھتىياجى زور بولغان مەكتەپلەرگە قارىتا، مەخسۇس خادىم، ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ مەكتەپكە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   بۇ تەدبىر ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر، چەت-يىراق رايونلاردىكى مەكتەپلەر ھەم ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىش، كىنىشكا بېجىرىشتە مەكتەپتىن چىقماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

     سەمىمىي ئەسكەرتىش

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ھەرقايسى ساقچىخانا، مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئېلان چاپلاش، ۋىيشىن توپىدا يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «يېشىل يول» مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاتا-ئانىلارغا ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭ نوپۇسى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرمۇ توردا بېجىرسە بولىدۇ: كىملىكىنىڭ ۋاقتى توشمىغان، يېقىنقى بىر قېتىم كىملىك بېجىرگەندىن كېيىن نوپۇس ئۇچۇرى ئۆزگەرتىلمىگەن، شۇنداقلا بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلار. «شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت تورى (新疆政务服务网)» «يېڭى مۇلازىمەت ئىشخانىسى (شىنفۇبەن)»APPسى ياكى «شىنجاڭ گۇڭئەن مىكرو ساقچى ئىشلىرى (新疆公安微警务)» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.