ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ) «بىز بۇ يىل تېرىغان 11 مىڭ 308 مو كېۋەزلىكنىڭ ھەممىسىگە كېۋەز بىلەن ئارپىبەدىياننى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، مۆلچەرىمىزچە مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 480 كىلوگرامغا يېتىپ، ھەر مو يەردىن 800 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسى جامالتېرەك يېزىسى دېھقانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى رەھبەر بارات خۇشال ھالدا.
ھازىر، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 120 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىك ھوسۇل يىغىش يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويدى. ئېتىزدا چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ مەشغۇلات قىلىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى دېھقانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدىكى 10 مىڭ مو كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا. ۋاڭ چاۋ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + تېرىچقىلىق ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، پاختا كەسپىنىڭ ئۆلچەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ ناھىيە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر، تېخنىكا، بازار قاتارلىق بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيە ياچېيكىسى باشلامچى بولۇش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى مۇلازىمەت قىلىش، بازا ئۈلگە كۆرسىتىش، تېرىقچىلار قاتنىشىش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.
بۇ ناھىيە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا تايىنىپ، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، ماشىنىلاشقان يىغىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا ئۆسۈملۈك ئاسراش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش نىسبىتى %95تىن ئېشىپ، ھەر مو يەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى %15 ئاشتى.
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى دېھقانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدىكى 10 مىڭ مو كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا. ۋاڭ چاۋ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






