مەنبە: تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ) «ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتۇمغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئالدىدا ئۆزەمنى نامايان قىلىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۇنىڭدىن مەن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم» دېدى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن روزىنىياز تۇرسۇننىياز ھاياجانلانغان ھالدا.

شىنجاڭنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىلىرى 2025-يىللىق «10 مىڭ كەنتتە ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى تەربىيەلەش پىلانى» بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش-كۆرگەزمە قىلىش يىغىنىدا نامايان بولدى. سۈرەت مەنبەسى: يىغىن تەرەپ تورىدىن ئېلىندى
يېقىندا ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە شەندۇڭ زاۋجۇاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق «10 مىڭ كەنتتە ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى تەربىيەلەش پىلانى» بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش-كۆرگەزمە قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ساغلام ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرى، ئىلمىي ئورۇقلاش تۈرى بويىچە نەچچە تۈرلۈك كاتتا مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈردى.
«10 مىڭ كەنتتە ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى تەربىيەلەش پىلانى»نى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ 2023-يىلى يولغا قويغان بولۇپ، كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئايال پىدائىيلار، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى تايانچلىرى قاتارلىق يېزىلاردىكى مۇنەۋۋەر ئاياللارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىملىرى ۋە كىچىك تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ماھارىتىنى ئىگىلىتىش، «ئامما ئارقىلىق ئاممىغا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە يېتەكچىسى قوشۇنىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى يىغىن مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قىلدۇرماقتا. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن
بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش-كۆرگەزمە قىلىش يىغىنىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا «ئاياللارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ يېڭى قىياپەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش» باش تېما قىلىنىپ، ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرى، مىللىي ئەنئەنە تۈرى، يېزا خاس تۈرى، ئىلمىي ئورۇقلاش تۈرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر بويىچە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، «پىلان» يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىندى. مەملىكەت بويىچە 50 كوماندىدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسى بىر يەرگە جەم بولدى.
شىنجاڭ لوپ ناھىيەسىدىكى 11 ئاساسىي قاتلام ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ساغلاملىق گىمناستىكىسى-«لوپقا كېلىڭ» ۋە ئەڭ يېڭى ئىجادىي ئەسىرى-ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىدىكى گىمناستىكا- «شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل»نى ئويناپ، ئەنئەنىۋى گىمناستىكا ئامىلى بىلەن ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يىغىنغا قاتناشقان تاماشىبىنلارغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان قىياپىتىنى ھېس قىلدۇردى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى قالتىس ئىپادىسى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇش-كۆرگەز قىلىش بويىچە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش مۇكاپاتىغا، شۇنداقلا ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش-كۆرگەزمە قىلىش بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، تەنھەرىكەت سالاپىتى مۇكاپاتىغا، ئەڭ ياخشى رېپىتىتسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن كوماندا يەنە تەنتەربىيە، ئەخلاق-پەزىلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ «10 مىڭ كەنتتە ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى تەربىيەلەش پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاياللار بىرلەشمىسى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزدى ھەم ئوقۇتۇشنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش، قاتلاملار بويىچە تەربىيەلەش، رايونلار بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپ خىل خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون جەمئىي 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، 7000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسىنى تەربىيەلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەخمىنەن 3500 مەمۇرىي كەنتنى قاپلاپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئايال جەمئىيەت تەنتەربىيەسى يېتەكچىسى ماھارەت كۆرسىتىش-پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش كاپالىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.






