تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

توقسۇندا كۈزلۈك قوغۇن پىشىپ بازارغا سېلىندى

مەنبەسى: تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   يېقىندا، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسىدىكى كۈزلۈك قوغۇنلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. قوغۇنلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى، سىزىقچىلىرى ئېنىق بولۇپ، قويۇق خۇش ھىدىنى ئەتراپقا تارقىتىپ تۇراتتى. دېھقانلار ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئېتىز باشلىرىدا قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. بۇ يىل غولبويى يېزىسىنىڭ كۈزلۈك قوغۇن تېرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 1000 مو بولۇپ، بۆلۈپ قاچىلانغان قوغۇنلار ئاساسلىقى بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.

(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دىلمۇرات ئەنۋەر، جۇ يەنرۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.