تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۈنچە-مەرۋايىت ئەمەس! ھازىر شىنجاڭنىڭ بۇ «قىزىل ياقۇت»ىنى يېيىشنىڭ دەل ۋاقتى

«دېنى سۈزۈك ھېقىققا ئوخشايدۇ

شەربىتى ھەسەلدەك تاتلىق»

سىز بىلەمسىز

بۇ شېئىرىي مىسىرالاردا مەدھىيەلەنگىنى نېمە؟

بۇ دەل شىنجاڭ ئانىرى

دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى ئانار بىلەن سېلىشتۇرغاندا

شىنجاڭ ئانىرىنىڭ

مېۋە ئېتى خۇددى ھېقىق كەبى سۈزۈك

دانلىرى توق

شىرنىلىك ھەم تاتلىق بولۇپ

تەمى ئۆزگىچە

روشەن سۈپەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا

بەزىلەر ئۇنى شىنجاڭنىڭ «قىزىل ياقۇت»ى دەپ تەرىپلىشىدۇ

شىنجاڭ ئانىرىنىڭ تاتلىقلىقى

پۈتۈنلەي كىلىمات سەۋەبلىك بۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە

كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا

ئانار تولۇق فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ

يېتەرلىك قەنت تەركىبىنى يىغالايدۇ

بۇ يەردە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى تېخىمۇ مۇھىم

كۈندۈزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مېۋىنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرىدۇ

كېچىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئوزۇقلۇق سەرپىياتىنى ئازايتىدۇ

بىر ئىسسىق، بىر سوغۇق بولۇش ئارىلىقىدا

قەنت تەركىبى ئانار دانچىلىرىدا چىڭ ساقلىنىدۇ

تەمىگە ئاساسەن

شىنجاڭدا تاتلىق ئانار بولۇپلا قالماستىن

يەنە ئاچچىق ئانارمۇ بار

ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلار

گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما ئانىرى

چىرا ناھىيەسىدىكى چيەنزىخۇڭ، سەي نىڭمىڭ

قەشقەر شەھىرى ۋە ئاتۇش شەھىرىنىڭ

قەشقەر تاتلىق ئانىرى، قەشقەر ئاچچىق ئانىرى، قەشقەر چۈچۈمەل ئانىرى

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ

قاغىلىق چوڭ دانلىق تاتلىق ئانىرى، قاغىلىق تاتلىق ئانىرى

قاتارلىق ئەلا سورتلار بار

بىۋاسىتە سويۇپ يېڭى پېتى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا

كۆپچىلىك ئانار ئۇرۇقىنى سىقىپ شەربەت چىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ

شىنجاڭ كوچىلىرىدا يېڭى سىقىپ چىقىرىلغان ئانار شەربىتى يايما ئورۇنلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ

يېڭىلا سىقىپ چىقىرىلغان ئانار شەربىتىنىڭ

رەڭگى ئوچۇق، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق بولۇپ

كۈز پەسلىدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە

ئانار مېۋىسىنى

يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگىچە ئۈنۈمى بار ئىكەن

ئانار پوستى ۋە مېۋە شەربىتى 

تەركىبىدە پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار مول بولغاچقا

تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىكەن

شۇنىڭدەك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ساھەسىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن

ھازىر دەل ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان پەسىل

شاخلارغا ئېسىلغان بۇ قىزىل پانۇسلار

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى يورۇتتى

«يىپەك يولى ئۈن-سىن پىروگراممىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.