تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ: پاختا دېڭىزىدا مول ھوسۇل ئېلىش ئالدىراشچىلىقى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە، پاختىكارلار پاختىنى مۇقىملاپ تايلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇ يۈ فوتوسى

  ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى 1 مىليون 870 مىڭ مو كېۋەزلىك ھوسۇل يىغىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، قاردەك ئاپئاق پاختا دېڭىزى كۆز يەتكۈسىز ئىدى. نەچچە چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختىلارنى ئۈزۈپ، يىغىپ، تايلاپ، ئامباردىن چىقىرىۋاتاتتى، كېۋەزلىكتە ئالدىراشلىققا تولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە، تايلانغان پاختىلار پاختا زاۋۇتىغا توشۇلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خې شياۋتۇڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇ چۇەنيى فوتوسى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، يېنىدا ئەمدىلا يىغىپ تايلانغان پاختىلار تۇراتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جيا جاۋ فوتوسى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە، يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى تايلانغان پاختىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇ يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.