10-ئاينىڭ 19-كۈنى
كەچ كۈزدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ۋەنخۇايۇەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە رايونىدا
بېيجىڭ جۇخارگۈلى پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى
ئاپئاق جۇخارگۈلى خۇددى قار ئۇچقۇنلىرىدەك ئالتۇن رەڭلىك قۇم بارخانلىرىدا ئېچىلىپ
ئۆزگىچە ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،
بۇ گۈل دېڭىزى
«قۇمنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئەمەلىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانىدى.

ئۈزۈۋېلىنغان ئاپئاق جۇخارگۈلى.
ئىگىلىنىشىچە
شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى «قىزىلگۈل+بېيجىڭ جۇخارگۈلى»نى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى قوللانغان
ھازىرغىچە جۇخارگۈلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۆت قېتىم ئۈزۈۋېلىنغان.

كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە رايونىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە «گىرۋەك قاشالانغان» جاي ھېسابلىنىدۇ. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كېرىيە ناھىيەسى «كەنت كوللېكتىپى+كارخانا+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى بۇ يەردىكى 600 مو قۇملۇقتا ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە ئېتىزى قۇرۇپ، جۇخارگۈلى، قالقانگۈل، ئەگرىسۇناي، قارىدان، چۆل يالپۇزى قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ، «دەرەخكە چاتقالنى يانداشتۇرۇش، دەل-دەرەخ بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش »تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.

جۇخارگۈلىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، دېھقانلار شادلىققا چۆمدى. ئابدۇللا مەمتىمىن فوتوسى
ھازىرغىچە، كېرىيە ناھىيەسىدە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 450 مىڭ موغا يەتتى، تۈرى توشقانزەدىكى، ئوسما يىلتىزى، چۈچۈكبۇيا، كەۋرەك، ياۋا چىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇم تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدە، شۇ جاي «قىسقا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك» دورا ماتېرىياللىرىنى ماسلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى: قىسقا مەزگىلدە چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈپ، قۇمنى تېز سۈرئەتتە تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن پايدىغا ئېرىشىشنى تەڭ ئىشقا ئاشۇردى؛ ئوتتۇرا مەزگىلدە ياۋا چىلان، جىگدە ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي قىممەتنى تەڭ ياراتتى؛ غوللۇق دەرەخ يىنشىڭنى ئۇزۇن مۇددەت يېتىشتۈرۈپ، مۇقىم بولغان ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى بەرپا قىلدى.
(سىن كېرىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ دوۋيىن سۇپىسىدىن تاللاپ ئېلىندى)






