كەچ كۈزدىكى تىيانشان ئېتىكىدە، بەش خىل رەڭ گىرەلەشكەن مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولماقتا.
قىزىل رەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ئۈمىد، ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا، كەڭ دالىغا يېيىلغان لازىلار ئوتقاشتەك غايەت زور گىلەمگە ئوخشاپ قالغانىدى؛ مېۋىلىك باغلاردا، قىپقىزىل ئانارلار كىشىلەرنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان قاش-كۆزلىرىدە ئەكس ئېتەتتى، ئالما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى شېرىن سوۋغاتلار بىلەن تولغانىدى.
سېرىق رەڭ تۇپراقنىڭ كاتتا سوۋغىسى، كومبايىنلار ئالتۇن رەڭلىك ئېتىزلىقتا گۈرۈلدەپ ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈش ساداسىنى ياڭراتقانىدى، يىللار تولۇپ تاشقان مول ھوسۇل شىجائىتىگە تولغانىدى.
يېشىل رەڭ ھاياتلىقنىڭ جۇلاسى، پېلەكلەر ئارىسىدىكى ياپيېشىل تەكىيە كاۋىلىرى خۇددى زۇمرەت قاشتاشتەك كۈز ۋە قىشتىكى تاماق ئۈستىلىگە ئۆزگىچە تەم ئېلىپ كەلگەنىدى؛ چۈنچىلەردە، يېشىل قاشتاشتەك ئۈزۈملەر تەدرىجىي قۇرۇپ كەھرىۋا رەڭگىگە كىرىپ، شېرىن كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئاق رەڭ كۆكتىكى بۇلۇتلاردەك مۇنبەتچىلىكنىڭ سىمۋولى، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى ئۇياق- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، قاردەك ئاپئاق پاختىلارنى يىغىۋاتاتتى، چوڭ-چوڭ تايلانغان پاختىلاردىن دۇنيانى ئىللىتىدىغان مەھسۇلاتلار توقۇلاتتى.
سۆسۈن رەڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى رومانتىكلىق، سۆسۈن قاشتاشتەك كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر ئاۋايلاپ ئۈزۈۋېلىنىپ، دالىلارغا يېيىلغانىدى، بارماق ئۇچلىرىدا مول ھوسۇل شادلىقى نامايان بولدى.
بەش خىل رەڭ جۇلالانغان كۈز كۈنلىرىدە، ھەربىر مول ھوسۇل ئالغان كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشقا بېرىلگەن ئوردېن، ھەربىر گۈزەل رەڭنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئۈمىد بار. بۇ تۇپراق ئەڭ گۈزەل رەڭلەر بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى. كەچ كۈزدىكى مول ھوسۇل ئەمگەككە بولغان مەدھىيە، ھوسۇل ئېلىش جەريانىدا مەڭگۈ يېڭى ھاياتلىق بارلىققا كېلىدۇ.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىخو شەھىرى كۇرتۇ بازىرى تۇڭليۇ كەنتىدىكى تېرىقچى ئائىلىسى پاختا يىغىش ماشىنىسىدا يېڭى پاختا يىغماقتا. لى رېنشى فوتوسى

10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىنىڭ داڭخارتبۇلاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى تەكىيە كاۋىسىدىن ھوسۇل ئالدى. خې چېڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىڭتۇەن 10-شى بېيتۇن شەھىرى خەيچۇەن بازىرىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى قوناق ئورىماقتا. لى جېڭخۇ فوتوسى

10-ئاينىڭ 9-كۈنى بىڭتۇەن 2ـشى 27-تۇەندىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى لازىلارنى قۇرۇتماقتا. لى ۋېيپىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چوغۇر بازىرى لۇڭگوۋ كەنتىدە چەيزىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. خۇا يەنمىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدىكى باغۋەنلەر ئانار ئۈزمەكتە. ھازىر بۇ يېزىدا ئۆستۈرۈلگەن 24 مىڭ مو ئانار يىغىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى قەلبداشلار مەھەللىسىدىكى باغۋەنلەر ئۈزۈم قۇرۇتماقتا. بۇ يىل تۇرپان شەھىرىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 632 مىڭ 800 موغا، ئۈزۈم سورتى 500 نەچچە خىلغا يەتتى. ليۇ جيەن فوتوسى

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى ئۈستۈنكى ئارال كەنتىدىكى باغۋەن «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنى ئۈزۈپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ خاسىڭ يىغماقتا. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

10ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، ماناس ناھىيەسى يىنتيەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتى لېتۇيى پاختا زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى پاختا خالتىلىرىنى تىزماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدە تېرىلغان 885 مىڭ مو كېۋەزلىكتىكى پاختا ئارقا-ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرىپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش نىسبىتى %100كە يەتتى. خې لۇڭ فوتوسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىسى سۇپىسىدىن ئېلىندى






