تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

​شىنجاڭدا ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختا يېڭى سورتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مو بېشى ھوسۇلى 577.44 كىلوگىرام​

شىنجاڭدا ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختا يېڭى سورتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇلىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، پەيزاۋات، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «ميەنجۇڭ AW05 چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 577.44 كىلوگىرام!» 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ باش لەڭگەر كەنتىدىكى 4000 مو يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، ھوسۇل ئۆلچەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاڭ چاۋيوۋ نەق مەيداندا مۇنداق ئېلان قىلدى: «بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭدا ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان بالدۇر ئېچىلىدىغان، ئارا ئېچىلىدىغان كېۋەزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تېرىش شارائىتىدىكى بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ پاختا رايونىدا <ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇش، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش> بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

نەق مەيداندا ھوسۇل ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ميەنجۇڭ AW05نىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى تۈپ سانى 14 مىڭ 500 تۈپ بولۇپ، يەككە تۈپتە 7.1 تال غوزىلىغان، يەككە غوزىنىڭ ئېغىرلىقى 6.24 گىرام بولغان، مو بېشى ئومۇمىي غوزا سانى 102 مىڭ 800گە يەتكەن، چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە ھوسۇل مىقدارى 641.6 كىلوگىرام بولغان، سۇندۇرۇپ ھېسابلاش كوئېففىتسېنتىنى 0.9 بويىچە ھېسابلىغاندا، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 577.44 كىلوگىرامغا يەتكەن.

ميەنجۇڭ AW05نى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىدىكى شۈ خەيجياڭ تەتقىقاتچىلار كوللېكتىپى ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاللاپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق زىرائىتى سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن. بۇ سورتنىڭ تۈپ شەكلى زىچ، غوزا شېخى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، غوزىلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇش، غوزا مەركەزلىك ئېچىلىش، يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسىغا سەزگۈر بولۇش قاتارلىق ياخشى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كۇڭ شيەنخۇي مۇنداق دېدى: ميەنجۇڭ AW05 «يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا ماشىنىدا يىغىشقا ماس كەلمەسلىك، ماشىنىدا يىغىشقا ماس كەلگەنلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇشى تەس بولۇش»تەك بوغما ھالەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلاپ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، بالدۇر ئېچىلىشچانلىقى ياخشى بولۇش، تالا سۈپىتى دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يېتىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى بىر گەۋدە قىلىپ، يۇقىرى ھوسۇلنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ماشىنىدا يىغىۋېلىش ئۈنۈمى بىلەن پىششىقلانمىغان پاختىنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش ئارقىلىق، مۇۋاپىق دەرىجىدە زىچ تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى يادرو قىلغان «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا نىشانلىق باھا ياردەم پۇلىنى سۈپەتكە چېتىش سىياسىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا نورمىدىن سىرت ياردەم پۇلى بېرىپ، دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق يېڭى سورتلارنى تېرىشقا يېتەكلىدى.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، مىيەنجۇڭ AW05 سورتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلاردا يىللىق كېڭەيتىلگەن كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئاشتى، 2026 - يىلى 2 مىليون مودىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جېڭ زىپياۋ مۇنداق دېدى: مىيەنجۇڭ AW05 سورتىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىش شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش ئورنىنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ، پاختا بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.