
10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك 2025 - يىللىق شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 200دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى يادرولۇق تېخنىكىسى، ئادەمسىز سىستېما، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ھەم تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىجادىي نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىندى. سۈرەتتە: ئېكسكۇرسىيەچىلەر ۋە ماشىنا ئادەملەر قورشاۋ شاھمات ئوينىماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى






