

تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. بىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىزدىكى مەقسەت ئېشىش پۇرسىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات يولىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، «يەرشارى كەنتى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسىنى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
— 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى






